0:00 / 0:00
تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق ئامما ئىدارىسى، خېلسىنكى يۇرتداشلار جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىش مەركىزى ئورتاق چاقىرغان "ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشتا يېڭى تاكتىكىلار" نامىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە رەسمىي باشلاندى. يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 600 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.