تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
2004.12.14
دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى ئەنقەرەدە "تۈرك دۇنياسىدا ئىنسان ھەقلىرى" ماۋزۇسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىنغا تۈركىيە باش مىنىستىرلىكى ئىنسان ھەقلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاھىت بىچاق، تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا بۇكسۇر ۋە تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. يىغىنغا باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوگان ۋە باشقا مىنىستىرلار تەبرىكنامە ئەۋەتتى. يىغىندا تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بىرجان ئاقيىلدىز ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۇركىستاندىكى ئۇيغۇر تۇركلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلىدى.
©
2004 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا بىر نەزەر
- تۈركىيىدە ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- گېرمانىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كانادادا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇر ۋەكىللىرى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى