ياۋروپا مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلىمەكتە

0:00 / 0:00

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتىلغان قورال-ياراق چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلتۇرقى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە باھا بېرىلگەن ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ، ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغان ماقالىلار ئارقا-ئارقىدىن مەتبۇئاتلاردا چىقىشقا باشلىدى.

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن شىۋىتسىيىدىكى "كۈندىلىك خەۋەرلەر" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە ماقالىنى تونۇشتۇردى.