د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامىسىنىڭ روھىغا بىنائەن ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش، ئىلمىي يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى مەيدانىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىرادىسىنى ھەم ئارزۇ – ئارمانلىرىنى نامايەن قىلدى.
جۈملىدىن، گېرمانىيىدىكى د ئۇ ق خادىملىرىمۇ قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، 12 – ئاينىڭ 09 – كۈنىدىن باشلاپ "خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى" نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بىر يۈرۈش سىياسىي پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى.
د ئۇ ق تا "خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇھاكىمە يىغىنى"
12 – ئاينىڭ 09 – كۈنى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلتاي خىزمەت بىناسىدا "خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇھاكىمە يىغىنى" ئۆتكۈزۈلدى. ميۇنخېندا چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيىدىكى رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىن كەچ سائەت 20:00 دە باشلىنىپ، 23:00 كە قەدەر ئۈچ سائەت داۋام قىلدى.
12 – ئاينىڭ 09 – كۈنى يەنە، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېتەكچىلىكىدە، گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھرىدە ئىلمىي يىغىلىش بولۇپ ئۆتتى.
بۇ يىغىنلاردا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي مۇستەبىتلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، نەسىل قۇرۇتۇش زوراۋانلىقى قاتارلىق ئىنسانىيەتسىز قىلمىشلىرى ھەققىدە شىكايەتلەر سۆزلەش ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، تىل، سەنئەت، ئۆرپ – ئادەت جەھەتلەردە تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرى، زەھەرلىك چېكىملىك، ئەيدىس، ئۆلۈم جازاسى، پىلانلىق تۇغۇت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلاردا سۆھبەتلەر بولغان.
12 – ئاينىڭ 09 – كۈنى يەنە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن ميۇنخېندىكى "بىر دۇنيا ئۆيى" دە چاقىرىلغان ئىنسان ھەقلىرى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىپ ئۆتكەن.
ئۇيگۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقى مەسىلىسى مۇھىم تېمىلار قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىنغان
بېرلىن ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى Ilse Schimpf Hérkén خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكى بىلەن Paulo Freire Géselschaft ۋە Nord Süd Forum München ناملىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا باۋارىيە شتاتىدىكى ھەر قايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە كۆپ ساندىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتنىشىپ، خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلاتلار بەرگەن ۋە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بارغان.
يىغىندا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى د ئۇ قغا ۋەكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى قايسى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى، تەلىم – تەربىيە ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، تۇرالغۇ ئەركىنلىكى، ساياھەت ئەركىنلىكى قاتارلىق بارلىق ساھەلەردىكى ئەڭ ئەقەللى ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت سۈپىتىدە يەر يۈزىدىن يوقاتماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئەمەلى مىساللار ئارقىلىق شەرھىلەپ ئۆتۈپ، يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلىپ قىلغان.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيگۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقى مەسىلىسى مۇھىم تېمىلار قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، جەنۇبى ۋە شىمالى ئامېرىكىدا ئەينى يىللىرى ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقى دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان بەزى مىللەتلەرنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ۋە تارىخى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر تارىخىدىن مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىڭ 1949 – يىلى كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى، 1949 – يىلى 300 مىڭ نوپۇسقا ئىگە خىتايلارنىڭ ھازىر 7 مىليوندىن ھالقىغان بىر نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇر ۋەتىنىنى ئېغىر دەرىجىدە تالان – تاراج قىلىۋاتقانلىقىنى، 1949 – يىلىدىن بۇيان 48 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئېكىئولوگىيىلىك مۇھىتىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغانلىقى، مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، بۈگۈنكى كۈندە، چەتئەللەردە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە ئازاپ چېكىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە يىتەرلىك مەلۇماتلار بەرگەن. (ئەكرەم)