ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە ئىنسانلىق تراگېدىيىسى


2007.12.12

10 - دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيىسىگە قاراشلىق دېڭىزدا قاچاق كۆچمەنلەرنى گرېتسىيىگە ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر كېمە دېڭىزدا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 53 كىشى ئۆلگەن، 6 كىشى قۇتۇلدۇرۇلغان. بۇ ۋەقە پەلەستىنلىك 2 قاچاق كۆچمەننىڭ ئۈزۈپ دېڭىز ياقىسىغا چىقىپ كىشىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىشى بىلەن بايقالغان. دېڭىز بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە يەنە 4 قاچاق كۆچمەن قۇتۇلدۇرۇلغان. بۇلار پەلەستىن، ئىراق ۋە سومالى قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن.

بوران چىقىپ كېتىپ، كېمە ئۇرۇلۇپ كەتكەن

تۈركىيە دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ئىنسان ئەتكەسچىلىرىنىڭ 85 قاچاقنى 15-20 مېتىر كەڭلىكىدىكى كىچىك كېمىگە سېلىپ گرېتسىيە ئاراللىرىغا ئېلىپ ماڭغاندا بوران چىقىپ كېتىپ، كېمە ئۇرۇلۇپ كەتكەنلىكى يېزىلغان.

ئۈچ تەرىپى دېڭىز بىلەن ئورالغان تۈركىيە كىشىلەرنىڭ ئاسيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ،ياۋرۇپاغا قېچىشىدىكى ئۆتەڭ دۆلەتلەردىن بىرى. ئىنسان ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر، ئۆز دۆلىتىدىن قېچىشقا مەجبۇر قالغان كىشىلەرنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە ئاپىرىپ قويىمەن دەپ ۋەدە بېرىپ، پۇلىنى ئېلىپ مۇشۇنداق پاجىئەلەرگە ئۇچرىشىشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيىدىكى مۇساپىرلار ئىدارىسىغا رەسمىي ئىلتىماس قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى 12500 بولۇپ، بۇلار ئافغانىستان، ئىراق، ئىران، پەلەستىن، سومالى، ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلەر ئىكەن. بۇ كىشىلەر ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشنى كۈتۈۋاتقان كىشىلەر ئىكەن.

بۇ كىشىلەر سىياسىي بېسىمدىن قېچىپ ياۋرۇپاغا كېتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ

بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مەتىن چوراباتىر ئەپەندى س ن ن تۈرك تېلېۋىزيىسىگە بەرگەن باياناتىدا غەرب دۆلەتلىرىگە قېچىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پەقەتلا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياخشى ياشاش ئۇچۇن ئەمەس، دۆلىتىدىكى سىياسىي بېسىمدىن قېچىپمۇ ياۋرۇپاغا كېتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇنداق يولغا ماڭدى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئۆلگەن كىشىلەر ئىچىدە ئۇرۇشتىن، سىياسىي بېسىمدىن قېچىپ كېتىۋاتقانلارمۇ بار. بۇ كىشىلەر ياۋرۇپاغا بارغاندىن كېيىن قانداق بىر ھاياتقا ئېرىشىدۇ دېگەندە، ئەگەر بېشىغا بۇنداق پاجىئە كەلمەي ساق ‏- سالامەت ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ پاناھلىق تىلىيەلىسە مۇساپىرلار قانۇنى بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىپ، پاناھلىق تىلىگەن دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھازىر ئەنقەرەدىمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەر بار، بىز ئۇلارنى خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنى بۇيىچە قوغدايمىز. پاناھلىق تىلىگەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى تەكشۈرۈپ ئىقتىسادىي سەۋەبتىن پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى ئۇقۇپ قالسا ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىدۇ، ئەگەر سىياسىي بېسىم تۈپەيلىدىن قېچىپ چىققان بولسا قوبۇل قىلىدۇ. بىز ھازىر بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەمەس، پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەرگە ۋاقىتلىق قانداق قىلىپ ئىش تېپىپ بېرىمىز دەپ باش قايتۇرۇۋاتىمىز."

مۇساپىرلار مەسىلىسىدە تۈركىيىنىڭ رولى

تۈركىيە شەرق بىلەن غەرب، شىمال بىلەن جەنۇب ئارىسىدا بىر كۆۋرۈك دۆلەت. مۇھىم بىر دۆلەت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۈركىيىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. بىزنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا ئىلتىماس قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشنى كۈتۈۋاتقان 12500 كىشى بار. بۇلار ئىراق، ئىران، ئافغانىستان، پەلەستىن، ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن قېچىپ كەلگەن كىشىلەردۇر. تىزىمغا ئالدۇرماي قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنى قوشساق بۇ سان ناھايىتى يۇقىرى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2005 - يىلىدىن تارتىپ، مۇساپىرلارنىڭ تۇرمۇش شەرت شارائىتلىرىنى ياخشىلاش ئۇچۇن بەزى خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ، بۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ ھەقتە دەرھال يېڭى قانۇن چىقىرىشى كېرەك.

تۈركىيىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇر مۇساپىرلارمۇ باشقا بىر دۆلەتكە كېتىشنى كۈتۈپ ياتماقتا. بۇ تراگېدىيە ھەققىدە ئۇلار نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟ (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.