ئۇيغۇر ۋەكىللىرى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى

0:00 / 0:00

7 - دېكابىر كۈنى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە "خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى" تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى گېرخارد شرېدۆرنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر، تىبەت ، فالۇنگوڭ ۋە خىتاي دېموكراتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان گېرمانىيىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن "ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان ئىتتىپاقى" نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھاد مۇھەممىدى ، باش كاتىپ ئۈمىد ئاگاھى قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى. ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى "شەرقىي تۈركىستان ئىقتىسادىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلاردا ھاشار" دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسى مەھبۇسلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازالىرى ھەققىدە توختالدى.