بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا "شەرقىي تۇركىستان ۋە ئىنسان ھەقلىرى" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2006.11.22
ئەنقەرەدىكى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى باشلىقى ئارسلان ئالىپتېكىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سوز قىلدى. يىغىنغا بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسى مەسىلىسى
يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشلىقى قەدەر پەكمەزچى خانىم قىلدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، پۈتۇن ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا كۆڭۈل بولۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
"شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز تەخمىنەن 250 يىلدىن بۇيان خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ھايات مامات كۈرىشى ئېلىپ بارماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەسىلىسىنى پەقەتلا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۇن ئىنسانلىق ئالىمىنىڭ مەسىلىسى دەپ قارايمىز. ھەر ۋىجدان ئىگىسى بولغان ئىنسان بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بولىشى كېرەك. بىز مانا بۇ كۆز قاراشنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدىكى بۇ يىغىننى چاقىردۇق. يىغىنىمىزنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن".
تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى سوز قىلىپ مۇنداق دېدى:
"خىتايلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بار يوقىنى قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئوز تۇپرىقىدا ئاز سانلىقلار قاتارىغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. ئوز زېمىنىدا ياشاش ھەققى قولىدىن ئېلىنغان ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا. خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرىدە بىر مىللەتكە ناچار مۇئامىلە قىلىنغانلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى بولسا، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە ئائىت بولغان تۈرلۇك بايلىق مەنبەلىرىنى ئىستىمال قىلىپ قىلالمىغانلىقىدۇر. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىدىن پايدىلىنالمايۋاتىدۇ. ئەكسىچە بۇ مەنبەلەردىن خىتايلار پايدا ئېلىپ ئۇيغۇرلارغا نەپ بەرمەيۋاتىدۇ. بۇ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسىگە خىلاپتۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھېچبىر نەرسە ئۇيغۇرلارنىڭ كونترولى ئاستىدا ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن مەسىلىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا پۈتۇن ساھەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سوز ئىگىسى ئەمەسلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. يەنى ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسىنىڭ پۈتۈن ماددىلىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىنسانلار ئىگە بولۇشى كېرەك بولغان ھېچقانداق بىر ھەققە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرىۋالالايمىز".
ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان بۇ ھەقسىزلىقلەرگە دۇنيا جامائەتچىلىكى قول قوشتۇرۇپ تۇرماقتا
تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى بۇنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرىپىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز يۇمۇۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
"ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى، ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان بۇ ھەقسىزلىقلەرگە دۇنيا جامائەتچىلىكى قول قوشتۇرۇپ تۇرماقتا. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن يا دىنداش ئەمەس يا تۇغقان ئەمەس. شۇغىنىسى تۈركىيە ئۇيغۇرلار بىلەن تىلى بىر دىنى بىر تۇغقان تۇرۇقلۇق بۇنىنغا قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرۇدۇ. تۈركىيىنىڭ بۇنىڭغا ئىگە چىقىش، ھەتتا ئۇ يەردىكى جاراھەتنى ئوز قەلبىدە ھەس قىلىشى كېرەك. ئېتنىك ئايرىمىچىلىق نوقتىسىغا قارىغىنىمىزدا ئۇيغۇرلار ئىرقىي كەمسىتىشكە دۇچار بولماقتا. ئىنسان ھەقلىرىدە بىرىنجى دەرىجىلىك ھەق ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك ھەق دەپ ئىكى خىل ھەق بار. كۆپىيىش ھەققى ئىنسانلارنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك ھەققىدۇر. بىر دۆلەت ياكى قۇرۇلۇش بىر ئىنساننىڭ قانچە بالا تۇغۇشى، قاچان تۇغۇشىغا ئارىلىشالمايدۇ. دۆلەتنىڭ بۇنى پىلانلاش ھەققى يوق".
يىغىندا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخفىنىڭ باشلىقى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە 1949 - يىلى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قانداق بېسىۋالغانلىقى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مەمەت ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى مىڭلارچە شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدىن ئايرىلىپ چەتئەلگە قىچىشقا مەجبۇر قالگاھلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ 1950 - يىللاردىن بۈگۈنگىچە بولغان تارىخىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.
كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان مىللى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. يىغىننىڭ ئاخىرىدا سوز ئىگىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. (ئەركىن تارىم)