ئەنقەرەدە تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2006.12.12
ئەنقەرەدە تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قىرغىزىستان، قىرىم، ئەزەربەيجان، ئىراق، ئىران، گرۇزىيە، داغىستان، غەربى تراكىيە، بۇلغارىيە، ماكېدونىيە ۋە كوسوۋادىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. گەرچە يىغىنغا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رۇخسەت بېرىلمىگەن.
تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئاڭلىتىلدى. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتەك قىلمىشلىرى ئىنسان ھەقلىرى قوغدۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەندى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلەرىدىن ئانا ۋەتەن پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ئەركان مۇمجۇ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت شاندىر، توغرا يول پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى ۋە مەشھۇر پروفېسسور ئوكتاي سىنان ئوغلۇ قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
ئانا ۋەتەن پارتىيىسى باشلىقى ئەركان مۇمجۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
بۈگۈن ئىنسان ھەقلىرى كۈنىگە مۇۋاپىق بىر قانچە ئېغىز سۆز قىلماقچىمەن. بۈگۈن ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 58 - يىللىق خاتىرە كۈنى. 58 يىل ئاۋۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسى ناھايىتى توغرا چىقىرىلغان بىر قارار. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بىر پىكىر بولۇپ، پۈتۈن ئىنسانلارنى تەڭ باراۋەر دەپ قوبۇل قىلماقتا. قايسى مىللەت، قايسى ئىرق، قايسى دىندىن بولسا بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تەڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاپنامە. مىللىتىمىز ئىنسانلارنىڭ تەڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى بۇندىن مىڭلارچە يىل بۇرۇنلا دېگەن، بۇندىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. ئەمما بۇنى قانۇنلاشتۇرغان غەرب دۆلەتلىرىدۇر. غەرب دۆلەتلىرى دۇنياغا ھاكىم بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. دۇنياغا قانداق ھاكىم بولغىلى بولىدۇ، قانۇن بىلەن ھاكىم بولغىلى بولىدۇ. بىز ئۆز مەدەنىيىتىمىزدىن، مىللىتىمىزدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئىنسان ھەقلىرىنى قانۇنلاشتۇرغان غەرب دۇنياسىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، خەلقىمىزنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك".
ئانا ۋەتەن پارتىيىسى باشلىقى ئەركان مۇمجۇ سۆزىدە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى:
"ئەزەربەيجان، تۈركمەنىسىتان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئەگەر سىلەر ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە دۆلىتىڭلارنىڭ تۈزۈمىنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن دېموكراتىك تۈزۈمگە ئايلاندۇرمىساڭلار، مىللى ۋە يەرلىك بۇرجۇئا قىسىمنى يېتىشتۈرۈپ، ئەركىن بازار تۈزۈمىنى بەرپا قىلالمىساڭلار، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى بەرپا قىلالمىساڭلار سىلەرنىڭ قايتىدىن ئىشغال قىلىنىش ئېھتىمالىڭلار ئىنتايىن كۈچلۈك. مەن 10 يىل بۇرۇن بۇ سۆزۈمنى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئۈچۈن دىگەن ۋاقتىمدا كىشىلەر مېنى فانتازىيەلىك دەپ مەسخىرە قىلغان ئىدى. لېكىن ئوتتۇرا شەرقنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق بۇ دىگىنىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز".
كىيىن، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت شاندىل ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 58-يىللىقىنى بۇ يەردە توپلىنىپ خاتىرلەپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇنى دۇنياۋىلىشىش ۋە ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدا مۇزاكىرە قىلىش كېرەك. بۈگۈنكىدەك دۇنياۋىلىشىۋاتقان، پەن تېخنىكا كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتقان كۈنىمىزدە دۇنيانىڭ ئورتاق قىممىتى بولغان ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە جەھەتتە تۈرك دۇنياسىنىڭ دۇنيا بىلەن پۈتۈنلىشىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋاقتىمىزدا ھاياجانلانماي تۇرالمايمىز. بىز ھازىر يېڭى بىر ئەسىرنىڭ بېشىدا تۇرۇپتىمىز. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرىشىمىز كېرەك. ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە دۇنياۋى بىر مەسىلە. شۇنداقلا بىزنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۈگۈن پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى مەۋجۇت. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇخىل يىغىنلاردا مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز كېرەك. بۇ يىغىنغا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەردىن مۇتەخەسسىسلەر، ئىنسان ھەقلىرى قوغدۇغۇچىلىرى قاتنىشىپ ئولتۇرۇپتۇ، مەن بۇندىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. يىغىنىڭلارغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن".
ئىكى كۈن داۋام قىلغان بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئانىل چىچەن ئەپەندى دۇنياۋىلىشىش ۋە ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدا، گېنېرال ئالائاتتىن پارماكسىز ئەپەندى تېررور ۋە ئىنسان ھەقلىرى، گۈلنار كۇرمانوۋا خانىم بولسا قىرغىزىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى، قىرىمدىن كەلگەن ئەلدەر سېيىت بەكىروف قىرىمدىكى ئىنسان ھەقلىرى، دىجانا ئالىكسىيەۋا خانىم بولسا رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدا، زائۇر ۋەلىمەمەدلى ئەزەربەيجاندىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى تېمىسىدا، ئىسمائىل مەيدانى بولسا ئىراندىكى ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدا سۆز قىلدى. يىغىندا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى ئاڭلاتتى. يىغىندا ھەممە بىردەك تۈرك دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە ئۇچراۋاتقان خەلقنىڭ ئىراقتىكى تۈركمەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى دېيىشتى. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا "شەرقىي تۇركىستان ۋە ئىنسان ھەقلىرى" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىي دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى
- تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدە قىلغان سوزى
- 10 – نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەت ۋە مىللەتلەر يىغىنى قارارنامىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەر بېرىلدى
- ئۇيغۇر مەسىلىسى 10 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى دوستلۇق قېرىنداشلىق ھەمكارلىق قۇرۇلتىيىدا
- 10-نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەت ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق قېرىنداشلىق ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى رەسمىي باشلاندى
- تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
- تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكى ھەققىدىكى پىكىرلەر كۆپەيمەكتە