خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەيىبلىمەكتە


2007.04.25

Par807543-150-1.jpg
خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستەرى، ياڭ جىئەچى، جېنىۋادىكى 2006-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق يەغىنىدا. AFP PHOTO / JEAN-PIERRE CLATOT / June 20, 2006 SWITZERLAND, Geneva

خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 40 بەتلىك دوكلاتتا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدە پەقەت خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بېرىلگەن ھوقۇقلارنىلا ئەمەس، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى خەلقئارا كېلىشىملەرنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

قانۇنىي ھوقۇقلار توغرىسىدا

خەلقئارا ھوقۇقنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى قانۇنلارنىڭ ئەمەلدە ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، " خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىلەتللەرنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتلىرىدا خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىلەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇنلاردا بېكىتىلگەن مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندىمايۋاتىدۇ،" دېيىلگەن.

دوكلاتتا، خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى قانۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقى، ئاز سانلىق مىللەت مەنسۇپلىرىغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش ھەققىدە ئېلىندىغان قارارلارغا قاتنىشىش ۋە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن پۇرسەت بېرىلمەيۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن ھەمدە "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتمائىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرماقتا،" دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئىھتىسادىي تەرەققىيات ۋە تەڭپۇڭسىزلىقلار توغرىسىدا

خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاز سانلىق مىلەتلەرگە بولغان تەسىرى ھەققىدىمۇ توختالغان دوكلاتتا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەر قايسى رايونلىرى ئارسىئىدىكى ئىقتسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەشنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھاياتىغا ئاساسەن جىددىي بىر تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكى، خىتايلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسدا كىرىم، ئىشسىزلىق، مائارىپ ۋە ئاممىۋىي مۇلازىمەت ساھەلىرىدە مەۋجۇت تەڭسىزلىكنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا " دۇنيا جائەتەتچىلىكى خىتاينىڭ غەربنى ئىچىش سىياسىتىنى، بېيجىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىكى سىياسىي كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش، بۇ رايونلارنىڭ تەبئىي بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا خىتاي كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارىماقتا" دېيىلگەن.

خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىي، ئىقتسادىي ۋە ئىجتمائىي سىياسىتىنىڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت قىلىۋاتقانلىقى، خىتايلارنىڭ ئاللىقاچان ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى شەھەرلەردە كۆپ سانلىقنى ئىگىلەشكە باشلىغانلىقى، بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى، مىللىي ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغدىشىنى قېيىنلاشتۇرغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

مائارىپ سىياسىتى توغرىسىدا

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆز ئاناتىلى بىلەن ئوقۇش ئۈستىدە چەكلىمە قويۇپ خىتاي تىلىدا ئوقۇشنى كېڭەيتىشى شۇنداقلا بالىلارغا دىنىي تەلىم-تەربىيىنى چەكلىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغدىشىنى ئىمكانسىزلاشتۇرماقتا، دېيىلگەن.

خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدە مۇھىم مەسئۇلىيىتى بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى تەكىتلگەنگەن دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: " خەلقئارا تەشكىلاتلار، ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارا شىركەتلەر كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، خەلقئارا جامائەتكە قىلغان ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كەمسىتىش سىياسەتلىرىنى بىكار قىلىش، ئاز سانلىق مىلەتللەرگە ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك." (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.