خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتلاردىن ئاز سانلىق مىللەتلەر بەھرىمان بولالمىدى

2007-04-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

Was578396-RABIYE-150.jpg
رەبىيە قادىر خاھىم October 6, 2006 / AFP PHOTO/Paul J. Richards

'خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش گۇرۇپپىسى' ۋە 'خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق' تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيغۇر، تېبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلات 4 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

بۇگۈن بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان تەشكىلاتنىڭ بىرى بولغان 'خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق' تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى شەرېن خانىم رادىئومىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. شەرېن خانىم ئالدى بىلەن ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ھەققىدە ۋە 4 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ تەييارلىنىش جەريانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

'خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى' دېگەن قانداق تەشكىلات؟

شەرېن خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان خەلقارالىق تەشكىلات، بۇ تەشكىلات كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ، دوكلات ئېلان قىلىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بۇيىچە خەلقئاراغا مۇراجىئەت چىقىرىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان خۇسۇسىي ياكى تەشكىلات دېلولىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق خەلقئارانى خەۋەرلەندۈرىدۇ.

بۇ تەشكىلاتنىڭ 4 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنى ئېلان قىلغان دۇكلاتى 3 يىلدىن بۇيان ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنىڭ بىر قىسمى، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى يىل ئاخىرىغىچە يەنە داۋاملىق ئېلان قىلىدۇ. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان دوكلات ئاساسەن ئۇيغۇر، تېبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ تەييارلانغان دوكلات. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەڭ -باراۋەر تەرەققى قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. بۇ دوكلاتنى تەييارلاشقا ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقات ئورگانلىرىمۇ ھەمكارلاشقان.

خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتلاردىن ئۇيغۇر، تېبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر بەھرىمان بولالمىدىلا ئەمەس، سەلبىي جەھەتتىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

HRIC-panospictures-150.jpg
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىن، بىر ئۇيغۇر دىھقان. Farmer from the ancient Uyghur settlement of Keplin, Xinjiang Uyghur Autonomous Region. By Rhodri Jones/Panos Pictures Image Link source: http://www.minorityrights.org

'خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش گۇرۇپپىسى' ۋە 'خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق' تەشكىلاتى بىرلىكتە تەييارلىغان بۇ دوكلاتتا "خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتلاردىن ئۇيغۇر، تېبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر مەنپەئەتدار بولالمىدى، بەلكى ئۇلار سەلبىي جەھەتتىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىتىلىش خەۋپىگە يۈزلەندى" ؛ "كەڭ كۆلەملىك تۆمۈر يول، تاش يول قۇرۇلۇشلىرى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تەبىئى بايلىقلىرىنى يۆتكەپ كېتىشنى ئىلگىرى سۈردى"؛ "ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقان قاتناش ئەسلىھەلىرى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ كۆپلەپ كېلىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى ئۈچۈن قولايلىق ياراتتى" دېگەن مەزمۇنلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىدى.

شەرېن خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدا بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ھەممە مىللەتنىڭ تەڭ -باراۋەر بەھرىمان بولالىغان ياكى بولالمىغانلىقىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئېنىقلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ، بولۇپمۇ ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نېسبىتى خىتايدىكى باشقا جايلاردىن كۆپ، كۆپلا ئەمەس بەكلا كۆپ.

2000 ‏- يىلى، ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا 10 مىڭ ھامىلدار ئايالنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكىنى 450، خىتاي رايونلىرىدا 53، بۇ نېسبەت 10 ھەسسە پەرق قىلىدۇ، بۇ پەرق بەك چوڭ. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نېسبىتى%4، ئالىي مەكتەپكە كېرىپ ئوقۇش پۇتتۇرەلىگەنلەرنىڭ نېسبىتى%5، بۇمۇ خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا تۆۋەنلا ئەمەس، بەكلا تۆۋەن.

بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەپ ئىقىتسادىي تەرەققىياتتىن ئوخشاش بەھرىمان بولالمىغانلىق. شەرېن خانىمىنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان چوڭ قاتناش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مەقسىتى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن تەبىئىي بايلىقلارنى يۆتكەپ كېتىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى ھەربىيلەشتۈرۈش، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت.

كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان رىئاللىق شۇكى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز يۇرتلىرىدىكى تەبىئىي بايلىقلارغا بولغان ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى، بۇ بايلىقلارغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان ئىقىتسادىي تەرەققىياتتىنمۇ باشقىلار بىلەن ئوخشاش مەنپەئەتدار بولالمايۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بىر دۆلەت، بىر خىل تىل، بىر خىل مەدەنىيەت دېگەن ئۇقۇمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى

Hkg376841-200.jpg
CHINA, Beijing November 17, 2006/ AFP PHOTO/Peter PARKS

'خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش گۇرۇپپىسى' ۋە 'خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق' تەشكىلاتى بىرلىكتە تەييارلىغان بۇ دوكلاتتا "خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بىر دۆلەت، بىر خىل تىل، بىر خىل مەدەنىيەت دېگەن ئۇقۇمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى، بۇنى قوبۇل قىلمىغاننى مىللىي بۆلگۈنچىلىك دەپ تەسۋىرلىدى' دەپ بايان قىلىنغان ئىدى.

شەرېن خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ قانۇنى، سىياسىتى، ئىستراتېگىيىسى بۇيىچە ئېيتقاندا، دۆلەت ھەممە مىللەتنى ئوخشاش قوغدىشى لازىم، شۇنداقلا، ھەممە مىللەت ئۆزىنىڭ تىل، دىن، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئۆزى قوغدىشى لازىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغان ئىدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئۆزى ئىمزا قويغان كېلىشىملەرنىڭ ھېچقايسىغا ئەمەل قىلمىدى. بەلكى خىلاپلىق قىلدى.

شەرېن خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، مەسىلە ناھايىتى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، گەرچە خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش يامان ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن، ئاپتونومىيە يۈرگۈزىدىغان جايلاردا ھەممە ئىشنى خىتاي تىلىدا بىجىرىشنى يولغا قويۇپ، ئاپتونومىيە يۈرگۈزگەن مىللەتنىڭ تىلىنى يوقاتسا، بۇ ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق.

شەرېن خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مۇنچە دېلولارنى 'دۆلەت بىخەرلىكىگە تاقىلىدىغان مەسىلە' دەپ ئۇنى مەخپىي تۇتقاچقا، بۇنداق دېلولارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قېيىن بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 'دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى ئۆتكۈزدى' دەپ 9 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان رابىيە خانىمنىڭ ئوغلىنىڭ دېلوسى مانا بۇنىڭ مىسالى. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت