ئىنسانلار جەمئىيىتى ھەر دائىم گۈزەل ئەخلاقلارغا مۇھتاج

شەك قوبۇل قىلمايدىغان ھەقىقەتلەردىن بىرى شۇكى، دۇنيادا ئىنسانلار توپلىشىپ ياشايدىغان قانداقلا بىر جەمئىيەت بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئەزالىرى گۈزەل ئەخلاققا باغلانماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى چۈشىنىپ، بىر - بىرىگە يول قويۇپ ۋە بىر - بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بەختلىك ھالدا ھايات كەچۈرۈشى ۋە راۋاج تېپىشى مۇمكىن ئەمەس!
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مۇنداق قىلماستىنمۇ راۋاج تاپقان ئىنسانلار جەمئىيىتى بار دەپ پەرەز قىلساقمۇ، ئۇ پەقەت ماددىي مەنپەئەتلەر بىلەن باغلانغان ھەمكارلىقتۇر، بەس. مۇنداق بىر جەمئىيەت ئەزالىرىدا ماددىي مەنپەئەت باغلىنىشىدىن باشقا ئۇلۇغۋار پەزىلەتلەر بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى چوقۇم كرىزىسقا يۈز تۇتىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئەڭ ئاددى تەلەپ ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ئىشەنچ ۋە بۇ ئىشەنچنى يەردە قويمايدىغان ئەمىنلىكتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقتۇر.

گۈزەل ئەخلاق ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەت

گۈزەل ئەخلاق ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەت بولۇپ، دۇنيادا ھېچقانداق بىر جەمئىيەت ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدۇ. ئەخلاق بۇزۇلغان ھامان كرىزىسلار باش كۆتىرىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئەمىرى شۇئەرا (شائىرلارنىڭ پېشىۋاسى) دېگەن ئۇلۇغ ئۇنۋانغا سازاۋەر بولغان مىسىرلىق شائىر ئەھمەد شەۋقىي مۇنداق دەپ يازغان:

ئەخلاق بىلەن ھەر مىللەت راۋاجلىنىپ داۋام ئېتەر،
ئايرىلغانلار ئەخلاقتىن زاۋاللىققا ھامان كېتــــــئەر.

راستچىللىقتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاق ھۆكۈم سۈرمىگەن بىر جەمئىيەتتە كىشىلەردە ھەق - ھوقۇقلارنىڭ قوغدىلىشىغا، ئىلىم - پەن، مائارىپ ۋە يېڭىلىق خەۋەرلىرىنىڭ راستلىقىغا ئىشەنچ بولمايدۇ. ئىشەنچتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بولمىغان بىر جەمئىيەت كىشىلىرىدە ئۆز - ئارا ھەمكارلىق، مۇقىملىق، خاتىرجەملىكنىڭ مىساللىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئارىسىدا بىرلىك، ئىناقلىق، ئۆز - ئارا سۆيگۈ - مۇھەببەت ۋە پىداكارلىق بولمىغان بىر مىللەت پارلاق كېلەچەك قۇرالمايدۇ. ئۆزىنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلىش يولىدا دۈشمەنلەرگە ۋە زالىملارغا قارشى شىجائەت، قورقماس ئىرادە بولمىغان بىر مىللەت ئاسارەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، نەپسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا ياشايدىغان، قۇربان بېرىشنى ياقتۇرمايدىغان بىر ئىنسان ئىنسانىي كامالەتلەرگە يۈكسىلەلمەيدۇ. تەجرىبىلەر، تارىخىي ۋەقەلىكلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي يۈكسىلىشتىن بولغان نېسىۋىسى ئۇلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلەتتىكى يۈكسىلىش دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ. قانداقلا بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي تەرەپتىن يېقىلىشى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي تەرەپتىن يېقىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا بولىدۇ.

قانۇن ھەممىنى كۆرەلمەيدۇ، قانۇن ئۆي ئىچىدە ئىپادىسىنى تاپالمايدۇ. پەقەت ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن شىكايەت ۋە ئەرزلەر بارغاندىلا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىدۇ. قورقۇتۇش ۋە تەھدىتلەر بىلەن ئەرزنى توسىۋالغانلار يەنىلا ئۆزلىرى بىلگەن ھەقسىزلىكلەرنى قىلىۋېرىدۇ. ئەخلاق - پەزىلەت ھەر قانداق بىر مىللەت خەلقلىرى ئىچىدە يىمىرىلمەس تۇتقۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى باغلاپ تۇرىدىغان ئاساسلىق ھالقىدۇر. بۇ ھالقىنىڭ بىرەر شەخستە يوقىلىشى ياكى ئۈزۈلۈپ كېتىشى بىلەن شۇ شەخسنىڭ ئومۇم بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن بولىدۇ.

"راستچىللىق" ھەققىدە مىسال

"ئىسلام ئەخلاقى" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئابدۇراھمان ھەبەننەكە مەزكۇر ئەسەرىدە مۇنداق دېگەن: "راستچىللىق جەمئىيەتتكى ھەر بىر شەخسنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى باشقىلار بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈنلەردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر شەخسنىڭ مۇئامىلە، ئامانەت، ۋەدە، كېلىشىم، خەۋەر، ۋەقە ۋە مەلۇمات قاتارلىق ماۋزۇلاردا سۆزلىگەنلىرىنى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئىشەنچكە ئىگە قىلىپ تۇرىدىغان ئاساسلىق نوقتىدۇر. قانداقلا بىر شەخستىكى بۇ راستچىللىقتىن ئىبارەت پەزىلەت يوقالغان ھامان، ئۇ شەخسنى جەمئىيەت ئەزالىرى (قەۋم - قېرىنداشلىرى) بىلەن باغلاپ تۇرغان چوڭ تۈگۈن ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالمايدىغان بولىدۇ - دە، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن، كېلىشىم تۈزۈشتىن، ئۇنىڭغا بىرەر ئىشنى تاپشۇرۇشتىن ۋاز كېچىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كېلىپ دەرتلەنسە ياكى ياردەم سورىسا ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەيدىغان، ياردەم قىلمايدىغان، باشقىلارغا ئۇنىڭ ياخشى تەۋسىپىنى قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەم يالغانچىلىقى بىلەن تونۇلۇپ قالغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنىڭ راست سۆزىگىمۇ ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئادەم جەمئىيەتتە يېتىم قالغانلىقتىن، روھىي ئازابلارنى يەتكۈچە چەككەننىڭ سىرتىدا، قەۋم - قېرىنداشلىرىنىڭ نەزەرىدە ئېتىبارى يوق بىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ."

ئاپتور يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:" بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكايە بار، چاقچاقلىشىشقا ئادەتلىنىپ قالغان بىر ئادەم كېچىسى قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن بولۇپ، ئىچكىلى سۇ تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆگزىسىگە چىقىپ مەھەللە ئەھلىنى چاقىرىپ" ئوت كەتتى، تىز كېلىڭلار، سۇ ئېلىپ كېلىڭلار" دەپ ۋارقىراپتۇ. مەھەللە ئەھلى ھەممە بىرلىكتە چېلەك - چۆگۈنلىرىگە سۇ تولدۇرغان ھالدا، تىزدىن يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار قارىغىدەك بولسا، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيىدە ئوتتىن ھېچ ئەسەر يوقمىش. بۇنىڭغا ھەيران بولغان مەھەللە ئەھلى "قېنى ئۇ ئوت؟ كۆرمەيۋاتىمىزغۇ؟" دەپ ئۇ ئادەمگە سوئال قويۇپتۇ. ئادەم سۆزىگە كۈلكە ئارىلاشتۇرۇپ، "بۇ ئۇسسىزلىقنىڭ ئوتى قورسىقىمنى كۆيدۈرىۋەتكەن ئىدى، ئىچەي دېسەم ئۆيۈمدىن سۇ تاپالمىدىم، شۇڭا سىلەرنى چاقىرغانتىم" دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. مەھەللە ئەھلىدىن بەزىسى ئۇنىڭ بۇ چاقچىقىغا كۈلگەن، بەزىسى ئۇنىڭغا مالامەت قىلغان ھالدا قايتىپ كېتىپتۇ. يەنە بىر كۈنى ھېلىقى ئادەم بۇ يالغاننى قايتا تەكرارلاپتۇ، بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن مەھەللە ئەھلى ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇپ قايتىپتۇ. بىر كۈنى بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىگە راستىنلا ئوت كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئادەم ئۆگزىسىگە چىقىپ بار ئاۋازى بىلەن مەھەللە خەلقىدىن ياردەم سوراپتۇ، ۋارقىراپتۇ، ھەتتا سۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يىغلاپمۇ بېقىپتۇ - يۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ ياردىمىگە كەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپتۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تولۇق بەت