ئىگىلىشىمىزچە، خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسىدىكى 37 ياشلىق دېھقان روزىمەمەت ئاخۇن، ئىككىلا بۆرىكى ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپدار بولۇپ، ھازىرغا قەدەر داۋالانماقتا ئىكەن. ئىككى يىلدىن بېرى ھەپتىدە بىر قېتىم دوختۇرخانىدا قان ئالماشتۇرش جەريانىدا ئۇنىڭ پۈتۈن بىساتى سېتىلىپ، ھازىر لاي توپىدا قوپۇرۇلغان ئەسكى قورا جايىدىن باشقا ھېچنەرسىسى قالمىغان.
روزىمەمەت ئاخۇننىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتىنىڭ ۋاقىتسىز يېتىم قالماسلىقىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلغان ئاق كۆڭۈل ياردەمسۆيەر ئۇيغۇرلار، ئىنتېرنېت ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئەھۋالنى" ئىزدىنىش" تور بېتىدە ئېلان قىلغان.
بولۇپمۇ ئىزدىنىش تور بېتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئۆزىگە Muzicfan دەپ ئات قويغان بىر ياش، خوتەن شەھىرىدىن ئالايىتەن شورباغ يېزىسىغا چىقىپ، روزىمەمەت ئاخۇننى ۋە ئۇنىڭ بالا - چاقىسىنى يوقلايدۇ ۋە تورداشلارغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن روزىمەمەتنىڭ يېقىنقى سۆرەتلىرىنى تور بېتىگە قويدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە Muzicfan ئاتالغان بۇ ياشنى زىيارەت قىلىپ، روزىمەمەت ئاخۇن ھەققىدە مۇلۇمات ئىگىلىدى.