خىتاي ئىنتېرنېتنى توسۇشتا غەلىبە قىلماقتا


2005.04.15
internetttt.jpg

يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق خارۋورد ئۇنىۋېرسىتېتى، كانادادىكى تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەنگلىيىدىكى كەمبرىژ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان بۇ دۆلەتتە كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېتتە تەيۋەن مۇستەقىللىقى، فالۇنگوڭ، دالاي لاما ۋە تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە ئوخشاش تېمىلاردىكى تور بەتلىرىگە كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

بۇ ئورۇنلار يەنە تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىنتېرنېتنى توسۇش ۋە سۈزىۋېلىش سىستېمىسى ئەڭ مۇكەممەل ھەم تولۇق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىگەن. ئۇلار چىقارغان دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئىچىدىلا ھەر خىل جىددىي چارىلەر بىلەن ئىنتېرنېتنى كونترول قىلغانلىقى، مەسىلەن، ئىنتېرنېتتە ھالقىلىق سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدەشنى توسۇش ۋە ئىنتېرنېت چايخانىلىرىدا تورغا چىققۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلىش چارىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان ئىنتېرنېت ساقچىلىرى 30 مىڭدىن ئاشىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى سۇسان ئوسۇلىۋان بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش بىلەن تەربىيلەنگەن تېخنىكا خادىملىرىنىڭ سانىنى بارغانسېرى ئاشۇرىۋاتقانلقىنى بىلدۈردى.

"خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 30 مىڭ تېخنىكا مۇتەخەسىسى يەنى ئىنتېرنېت ساقچىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنداقلا ئۇلار ئىنتېرنېتتىكى سىياسىي سەزگۈرلىكى بولغان ھەر قانداق ماتىرىياللارنى توختىتىۋېتەلەيدۇ".

ئۇيغۇر ئېلىدىن يېقىندا چەتئەلگە چىققان مەردان ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنىڭ تېخىمۇ چىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا چىقارغان كىشىلىك ھوقۇق ئاق تاشلىق كىتابىدا، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ سۆز، مەتبۇئات ۋە نەشر قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئەركىن تورغا چىقالايدىغانلىقىنى ماختىغان ئىدى. بۇ دەرھاللا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قارىقاش بۇ ھەقتە توختىلىپ، بەزى تور بەتلىرىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرنى مىسال قىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى ئەيىبلىدى.

ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ ئىنتېرنېت سېستىمىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى غەلىبىلىك توسىشى، باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن يامان ئۈلگە

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى غەلىبىلىك توسىشىنىڭ، مۇشۇنداق قىلىشنى ئويلايدىغان باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ بىر يامان ئۈلگە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى يازغان. بۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى چەتئەللەردىكى چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنى خىتايغا توسۇش ئۈسكۈنلىرىنى سېتىپ بېرىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

خىتاي دۇنيادىكى ئىنتېرنېتكە چىققۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە خىتايدا تەخمىنەن 100 مىليون كىشى ئىنتېرنېتكە چىقىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.