خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى


2005.06.30

خىتاي ھۆكۈمىتى 30 -ئىيۇن كۈنىدىن بۇرۇن، خىتاي چېگرىسى ئىچىدىكى بارلىق ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى بېكىتكەن بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرمىغان ھەر قانداق ئىنتېرنېت تور بېتىنىڭ قانۇنسىز ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىنتېرنېت مۇشتىرىلىرىنىڭ سانى 100 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىگە قاراتقان توسقۇنلۇقى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى مۇھەممەت ئابلا ئەپەندى ۋە ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شتاتىدىكى دوۋېي ئىنتېرنېت تور بېتى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ باش تەھرىرى خېپىڭ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.