خىتايدا ئىنتېرنېت ئىشلىتىشنىڭ خەۋپى بارغانسېرى ئاشماقتا

0:00 / 0:00
yahooChina-internet.jpg
Yahoo خىتايچە بېتىنىڭ 7-سېنتەبىر كۈنى بېيجىڭدىكى بىر يان كومپيۇتېردىكى كۆرۈنىشى. AFP

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا كونترول قىلىپ كەلمەكتە. ھازىر بولسا كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆز - ئارا يازغان ئېلېكترونلۇق خەتلىرىمۇ قاتتىق تەكشۈرىلىدىغان بولۇپ، ئىنتېرنېت ئىشلىتىش كىشىلەر ئۈچۈن خەتەرلىك بىر ئىشقا ئايلانماقتا.

پۇل ياكى ئىنسانىي ھوقۇق؟

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى خۇنەنلىك مۇخبىر شى تاۋنى ئىنتېرنېت تور بېتىدە خىتاي تەشۋىقات مىنىستېرلىقىنىڭ ئىچكى ماتېرىياللىرىنى پاش قىلغان دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىپ سوتلىغان. خىتايدىكى تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىش ئورگىنى مۇخبىر شى تاۋنى سوتلاشتىكى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، شىتاۋ يازغان ئېلېكترونلۇق خەتنىڭ مەزمۇنى Yahoo شىركىتىنىڭ خىتايدىكى شۆبىسى تەرىپىدىن يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.

فرانسىيىدىكى "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، Yahoo شىركىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئەيىبلىدى. Yahoo شىركىتى بولسا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا، Yahoo شىركىتىنى قۇرغۇچى ياڭ جىيۇئەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئۇ ماتېرىياللارنى نېمىگە لازىم قىلىدىغانلىقىدىن قىلچە خەۋىرى بولمىغان. ئۇ ئۆزىمۇ ئىشنىڭ بۇنداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنى خالىمايدىكەن. لېكىن، ئۇ يەرلىك قانۇنغا چوقۇم بويسۇنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ داۋاملىق ھالدا Yahoo شىركىتىگە ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق يوللانغان ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئېلېكترونلۇق خەت بىخەتەرمۇ؟

خىتاينىڭ كۆپلىگەن تور بەتلىرىدە، ھالقىلىق سۆزلەرنى ئىزدەش سىستېمىسى يوق بولغانلىقتىن، تورداشلار " دېموكراتىك"، "ئەركىنلىك " دېگەندەك سۆزلەرنى ئىزدەشتە، ئۆزى ئويلىغاندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. لېكىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرى يازغان ئېلېكترونلۇق خەتلەردىكى بىر قىسىم سەزگۈر سۆزلۈكلەرنىڭ ئۆزىگە نۇرغۇن ئاۋارىگەرچىلىك ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزمىگەن.

ئىنتېرنېتتە پىكىر بايان قىلغانلىقتىن بىر يىل قاماقتا ياتقان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ليۇ دى يېقىندا، بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھازىر مەخپىي نومۇر قوشۇلغان داڭلىق Google تور بېتىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھازىر خىتايدا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكترونلۇق خەت - چەك مۇلازىمەت ئەسۋابلىرىنىڭ مەخپىي نومۇر بولمىغان شارائىتتا ھەممىسى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.

ئامېرىكىدىكى "خىتايچە ئېلېكتىرونلۇق ژورنال" نىڭ باش تەھرىرى لى خۇڭكۇئەن "ھازىر دۇنيادىكى داڭلىق تور بېتى Google غىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئارقىلىق خەت ئەۋەتىشمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالدى" دەپ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى :

"ھازىر Hotmail, Google قاتارلىق كۆپلىگەن چوڭ شىركەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقاندا، ئالدى بىلەن قولاي بولۇشنى ۋە مەنپەتىنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. خىتاينىڭ ئۆزىدە ئىشلىتىدىغان ئېلېكترونلۇق خەت ئىككى خىل بولۇپ، بىرى Xinlang بولسا، يەنە بىرى Sohu ئىدى. لېكىن بۇلارنى ئىشلىتىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كىشىلەر نەچچە يىل بۇرۇنلا بىلىپ بولغان. بۈگۈنكى كۈندە Yahoo دەك بۇ خىل ئامېرىكا شېركىتىنىڭ خىتايدىكى شۆبىسىنىڭمۇ بىخەتەر بولالماسلىقىنى ھېچكىم ئويلىمىغان. ھازىر Yahoo نىڭ قىلمىشى چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن پاش قىلىنغاندىن كېيىن، چوڭ غۇلغۇلا قوزغىماقتا. ھەقىقەتەن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر Yahoo شېركىتىنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان. "

نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

خىتاي كونترول قىلىۋاتقان تور بەتلىرىنى ئېچىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چەتئەلدىكى باش تېخنىك نازارەتچى خې ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلېكترونلۇق خەت - چەكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەيلى خەتنىڭ مەزمۇنى جەھەتتە بولسۇن، ياكى ئۇنى يوللاشتا بولسۇن، چوقۇم ھەممىسىدە قوشلاپ مەخپىي نومۇر قوللىنىش ئارقىلىق، بىرتەرەپ قىلىش كېرەك ھەمدە بۇ جەرياندا ئىشلىتىلىدىغان مۇلازىمەت ئەسۋابلىرى چوقۇم چەتئەلدە ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق قىلىنمايدىكەن، مىڭ مەخپىي نومۇر قوللانغان بىلەنمۇ، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مۇلازىمەت ئەسۋابى ئىشلىتىلىدىكەن، ئەۋەتىلگەن خەتلەر يەنىلا بىخەتەر بولالمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

يېقىندا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" نىڭ ئىنتېرنېت تور بېتى مەسئۇلى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ Yahoo شىركىتىگە بولغان نارازىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ، " Yahoo شىركىتى 'بىز خىتاينىڭ قانۇن - نىزامنامىسىغا ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۆرپ -ئادىتىگە بويسۇنۇشىمىز كېرەك' دەپتۇ. بۇ زادى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ دېمەك، خىتاينىڭ ئۆرپ - ئادىتى بويىچە، شەخسى ئۇچۇرلارنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈپ، خائىنلىق قىلسا بولامدىكەن ؟! مەنچە بۇ قانۇنىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئەخلاق مەسىلىسى. ئەگەر قانۇن بېكىتىشتىكى مەقسەت ھۆكۈمەتنىڭ ئادەم تۇتۇشى ئۈچۈن ئۇچۇر توپلاپ بېرىش بولسا، بۇنداق قانۇن بويسۇنۇشقا ئەرزىمەيدۇ" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)