
خىتاي دۆلەت كابېنتىنىڭ ئاخبارات ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئىنتېرنېت خەۋەرلىرىنى ۋە ئۇچۇر ئالاقىسىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىدە، خەۋەر تور بەتلىرى كەڭ خەلق ئاممىسىغا ۋە دۆلەتكە پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، ئىنتېرنېت ۋە قول تېلېفونى قاتارلىق ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىدا ئۇچۇر يوللىغۇچىلار "ساغلام بولمىغان" ئۇچۇرلارنى تارقاتسا، ئېغىر جازالىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى: يېڭى بەلگىلىمە خەلقئارا ئۆلچەمگە خىلاپ
مەزكۇر بەلگىلىمە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، مەزكۇر بەلگىلىمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى مەزكۇر بەلگىلىمىنى "خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان پۇقرالار ھوقۇقى ئۆلچىمىگە خىلاپ،" دەپ ئەيىبلىگەن.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانداق جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما "بېيجىڭ گېزىتى،" يېڭى بەلگىلىمە ئىنتېرنېتنى قانۇنسىز نامايىش، يىغىلىش ۋە تەشكىلى پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئالاقىلىشىش ۋاستىسى قىلىپ قوللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشكە قارىتىلغان، دەپ كۆرسەتتى. "بېيجىڭ گېزىتى" نىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 10 مىڭ يۈئەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن.
براد ئادامس: سىياسى جەھەتتىكى چېكىنىش
خىتاي دائىرىلىرى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرۇش، ئۇلارنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ئۆز پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا قارىغاندا ياخشىراق، دەپ قارىماقتا،
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى ھۆكۈمەت كونتروللىقىغا ئېلىش يولىدىكى قانۇن ۋە بەلگىمىلەرنى بىكار قىلىش كېرەك،" دەپ ئەسكەرتىپ، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرىنى " خۇ جىنتاۋ بىلەن ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ خەلقئارا ئۆلچىمىگە يېقىنلىشىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشكە" چاقىردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى براد ئادامس، يېڭى بەلگىلىمىنى سىياسى جەھەتتىكى زور چېكىنىش، دەيدۇ. ئۇ، "يېڭى بەلگىلىمىدىكى ماددىلار خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى كومپارتىيىنى نېمىنىڭ 'ساغلام مەدەنىيەت' ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدىغان بىردىن - بىر سوتچىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى،" دەپ كۆرسەتتى.
ئادامس، "خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرغۇچىلار شۇنداقلا خىتايدا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشكە يىتەكچىلىك قىلغۇچىلار،" دەپ ئەسكەرتىپ، ئەمما " ئۇلار يەنىلا ئۆز خەلقى ۋە زامانىۋى جەمئىيەتتە بولىدىغان ئوخشىمىغان خەۋەر ۋە كۆز قاراشلاردىن ئەنسىرىمەكتە،" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا: ئۇچۇر ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارشى تۇرىدۇ
بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىسىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مېككورماك، "ئامېرىكا خەۋەر ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىشقا قارىتىلغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشقا جىددى دىققەت قىلىدۇ،" دەيدۇ. مېك كورماك ، "ئۇچۇر ۋە سۆز ئەركىنلىكى ھەر قانداق جەمئىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئامېرىكا بۇنى ئۇنىۋېرسال ئۆلچەم، دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ھوقۇقنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، "ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى شۇ دۆلەتنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىرى بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، "دۆلەت مەنپەئەتى" ۋە "دۆلەت بىخەتەرلىكى" دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنى مۈجىمەل ئىبارىلەر بىلەن ئوخشىمىغان پىكىر ۋە كۆز قاراشلارنى باستۇرىۋاتىدۇ، دەپ تەنقىدلىمەكتە.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى براد ئادامس، "خىتاي دائىرىلىرى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرۇش، ئۇلارنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ئۆز پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا قارىغاندا ياخشىراق، دەپ قارىماقتا،" دەيدۇ.
ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى Yahoo, Google, Microsoft قاتارلىق خەلقئارا ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركەتلىرىنى پۇل تېپىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇشىغا ماسلىشىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن.
مېككورماك، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنتېرنېت سۈزگۈچى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بىر مۇخبىرغا، "سۆز ئەركىنلىكىگە توسالغۇ بولىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ،" دېدى. ئەمما ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە خىتايغا ھەمكارلىشىۋاتقان بۇ شىركەتلەر بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىپ باقمىغان.
خىتايدا 1997 - يىلغىچە ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلار سانى 620 مىڭ بولۇپ، ھازىر100 مىليوندىن ئاشقان. (ئەركىن)