چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغان تەكلىپلەرنى سۇندى

0:00 / 0:00
CHINA-INTERNET-POLICE-200.jpg
2002-يىلى ئىيۇلدا، خىتاي ساقچىسى بىر تورخانىنى تەكشېرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئىنتېرنېتنى توسۇش ئارقىلىق، خەلقنىڭ ئەركىن تورغا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. AFP

يېقىندا باش شىتابى فرانسىيىدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دۇنيادا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن 6 تۈرلۈك تەكلىپ چىقارغان بولۇپ، تەكلىپتە مەزكۇر تەشكىلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكىدىكى چوڭ ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركەتلىرىنى خىتايغا ئوخشاش ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان دۆلەتلەرگە ئىنتېرنېتنى توسايدىغان تېخنىكىلارنى بېرىشكە يول قويماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار بۇ تەكلىپلەرنى ئاساسلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قارىتا سۇنغان. چۈنكى تەكلىپتە تىلغا ئېلىنغان ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدىكى شىركەتلەر ئىكەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇ تەشكىلات يەنە بۇ تەكلىپلەرگە دۇنيادىكى بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ رىئايە قىلىشىنى كۈتكەچكە، بۇنى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغىمۇ يوللىغان.

تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنى

بۇ 6 تۈرلۈك تەكلىپ تۆۋەندىكىچە: ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىنتېرنېتنى بوغىدىغان دۆلەتلەرگە ئېلىكترونلۇق خەت مۇلازىمەت ئەسۋابىنى ئورنۇتۇشىغا يول قويماسلىق؛ ئىنتېرنەتنى بوغىدىغان دۆلەتلەر ئۈچۈن "دېموكراتىيە"، "كىشىلىك ھوقۇق" قاتارلىق ھالقىلىق سۆزلەرنى سۈزگۈچ ئەسۋاپلىرىنى ئورنىتىپ بېرىشكە يول قويماسلىق؛ ھەر خىل تور بەتلىرى ۋە مۇنازىرە مەيدانى قاتارلىقلارنى باشقۇرىدىغان باش كومپيۇتېرنى، ئىنتېرنېتنى بوغىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تەۋەلىكىگە يۆتكەشكە يول قويماسلىق؛ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان دۆلەتلەرگە ئىنتېرنېت تەكشۈرگۈچ يۇمشاق دېتاللىرىنى قويۇپ بېرىشكە يول قويماسلىق؛ ئەگەر ئامېرىكا شىركەتلىرى، ئىنتېرنېتنى بوغىدىغان دۆلەتلەرگە ئىنتېرنېتنى نازارەت قىلىش تېخنىكىلىرى ياكى ئۈسكۈنلىرىنى بەرمەكچى بولسا، ئۇ ھالدا بۇ چوقۇم ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى لازىم؛ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىنتېرنېتنى بوغىدىغان دۆلەتلەرگە ئىنتېرنېتنى نازارەت قىلىش تېخنىكا تەربىيىلىشىنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماسلىق قاتارلىقلار.

خىتاي ئاخىرى باش ئەگمەي ئامال يوق

بىز ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ 6 خىل تەكلىپ ئۈستىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر بۇ شىركەتلەر قاتتىقلا تۇرۇپ بەرسە، بىز ئىشىنىمىز خىتاي ئاخىرى باش ئەگمەي ئامال يوق.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان ئىنتېرنېتنى بوغىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە خىتاي ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تەشكىلات باياناتچىسى جۇلىئان پەن، ئۇلارنىڭ بۇ 6 تۈرلۈك تەكلىپ ئارقىلىق دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ سۆزىدە ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئەسكەرتتى.

"بىز ئامېرىكا شىركەتلىرىگە شۇنى ئېيتىمىز، سىلەرنىڭ ئەلۋەتتە خىتاي بىلەن سودا قىلىش ھوقۇقىڭلار بار. بىز بۇ شىركەتلەرگە خىتاي بىلەن بولغان سودىنى توختىتىڭلار دېمەيمىز. بىز پەقەت بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايغا ئوخشاش ئىنتېرنېتنى بوغىدىغان دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلغاندا، بۇ دۆلەتلەرنى سۆز ئەركىنلىكىگە ئوخشاش ئەقەللىي قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ شىركەتلەر ئۇزۇندىن بېرى، بىز چوقۇم ئالاقە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك دەپ كەلدى. لېكىن بىزنىڭ دەيدىغىنىمىز، بۇ دۆلەتلەر ئادەتتىكى قىممەت قارىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلمىغاندا، Yahoo، Microsoft ۋە Google غا ئوخشاش شىركەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە 'ياق' دېيەلىشى كېرەك دەپ قارايمىز. بىز ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ 6 خىل تەكلىپ ئۈستىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر بۇ شىركەتلەر قاتتىقلا تۇرۇپ بەرسە، بىز ئىشىنىمىز خىتاي ئاخىرى باش ئەگمەي ئامال يوق".

جۇلىئان پەن سۆزىدە يەنە، ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمەت ئەسۋابىنى مىسال قىلىپ، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىزلىق ياراتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى:

"ئېلېكترونلۇق خەت مۇلازىمېتىرى ئامېرىكىدا تۇرسىمۇ، ئوخشاشلا خىتايدىكى كەڭ ئىنتېرنېتكە چىققۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلالايدۇ. بۇنى خىتايغا يۆتكەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەگەر ئېلېكترونلۇق خەت مۇلازىمېتىرى ئامېرىكىدا تۇرسا، ئۇ چاغدا خىتايدىكى ئىنتېرنېت ساقچىلىرى ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئېلېكترونلۇق خەت ئالاقە قىلغۇچىلارغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى".

ئۈمىد

جۇلىئان پەن يەنە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ناۋادا بۇ ئامېرىكا شىركەتلىرى بۇنى قوبۇل قىلمىغان تەغدىردىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، بۇ تەكلىپنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرىشىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىنتېرنېت گېزىتى بولغان "خەۋەرلەر مەجمۇئەسى" نىڭ تەھرىرى ۋۇ فەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەكلىپلەرنى تەرىپلىدى:

"مېنىڭچە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بۇ تەكلىپى ناھايىتى ياخشى بولغان. مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم. مۇشۇنداق بولغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ خىتايدىكى ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغۇشىنى يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولىدۇ. مەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ تەكلىپنى ماقۇللىشىنى ھەمدە بۇنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن".

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات 2002‏-يىلىدىن بۇيان ھەر قايسى چوڭ شىركەتلەرگە خەت يېزىپ، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ شىركەتلەردىن ھېچقانداق ياخشى جاۋاب ئالالمىغان. ھەتتا Google شىركىتىدىن باشقا شىركەتلەر چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئوچۇق رەت قىلغان. (پەرىدە)