خىتايغا ياردەملەشكەن ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت شىركەتلىرى تەنقىدكە ئۇچرىدى


2006.02.02
internet.jpg
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى Tim Ryan يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا. RFA

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدىكى 4 چوڭ ئىنتېرنېت شىركىتى 1‏-فېۋرال چارشەنبە كۈنىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. نۆۋەتتە Cisco، Google، Microsoft ۋە Yahoo قاتارلىق بۇ شىركەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ، ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى توساشقا ياردەملەشكەنلىكى بىلەن كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.

ئىنتېرنېت شىرىكەتلىرى ئەيىبلەندى

بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا باشلىنىش نۇتۇقى سۆزلىگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لانتۇس مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقانلار ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ئالدىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتناشمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"زور نەتىجىلەرنى قازانغان يۇقىرى تېخنىكىلىق بۇ شىركەتلەر، مەزكۇر يىغىنغا ۋەكىل ئەۋەتەلمىگەنلىكىدىن نومۇس ھېس قىلىشى كېرەك. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كۈچى، تەسىرى، بايلىقى ۋە يىراقنى كۆرۈشچانلىقى تۇرۇقلۇق، خىتايدا ھەر كۈنى زور جۈرئەت بىلەن پائالىيەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپ ھەرىكىتىگە سەل قارىدى".

توم لەنتوس سۆزىدە، بۇ شىركەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي پايدىسىنى كۆزلەپ "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا باش ئەگدى" دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي ئىنتېرنېتنى باستۇرۇشتا دۇنيا چېمپىيونى

يىغىنغا قاتناشقان چېگرىسىز مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى لۇسى مورىللون، بارلىق ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ خەلقنىڭ نېمىنى ئوقۇشى ۋە توردا نېمىلەرنى ئېيتىشىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لۇسى مورىللون "خىتاي ئىنتېرنېتنى باستۇرۇشتا دۇنيا چىمپىيونىدۇر" دېدى:

"خىتاي باستۇرمىچى ھاكىمىيەتلەر ئارىسىدىكى، ئىنتېرنېتسىز ھېچنېمە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن، شۇڭا ئۇنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش كېرەك دېگەننى ئالدى بىلەن ھېس قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇ يەنە، ئىنتېرنېت ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، توردىكى قارشى پىكىرلەرنى توساشقا ئۇرۇنغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى".

مورىللون سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنى توساش ئۈچۈن نەچچە ئون مىليون دوللار پۇل سەرپ قىلغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشتا غەرب شىركەتلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. مورىللون ئەپەندى، 2002‏- يىلىدىن باشلاپ ياخۇ شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ، ھۆكۈمەت چەكلىگەن سۆزلەرنى توساشقا ماقۇل بولغانلىقىنى ھەتتا خىتاي ساقچىلىرىنى تېخنىكىلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، مۇخبىر شى تاۋنىڭ سالاھىيىتىنى تېپىشقا ۋە ئۇنى تۈرمىگە تاشلاشقا ياردەملەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى مورىللون خانىم سۆزىدە يەنە، Microsoft، Google ۋە Cisco قاتارلىق ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭمۇ، ياخۇغا ئوخشاشلا خىتايغا ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى سۈزگۈچ ئەسۋابلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى:

"بۇ سۈزگۈچ ئەسۋابلارنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا ھەتتا Cisco شىركىتىنىڭ خىتايدىكى كومپيۇتېر خادىملىرىنى چېنىقتۇرغانلىقى گۇمان قىلىنماقتا"

مورىللون سۆزىدە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىدا كۆرسىتىلگەن سۆز ئەركىنلىكىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دۇنيادا ئىككى خىل ئىنتېرنېت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دېرىكتورى توم مالىنوۋىسكىمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، "ئىنتېرنېت ، دىكتاتورلۇق جەمئىيەتلەردە ئازاد قىلىش كۈچى بولۇشتەك يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، بۇ كۈچنىڭ پەقەت ئۇچۇرلارغا چەكلىمىسىز ئېرىشكىلى بولغاندىلا ئاندىن جارى بولىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا ئىنتېرنېتنىڭ ناھايىتى ئاسانلا باستۇرۇش قورالىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مالىنوۋىسكى غەربتىكى ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ دائىم "خىتايدا ئەركىنلىك دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتىمىز" دىيىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.

"بۇ شىركەتلەرنىڭ، ئەركىنلىككە پايدىسى بولغان كۈچنى بوغۇپ تۇرۇپ، 'بىز خىتايدا ئەركىنلىك دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتىمىز ' دېيىشى لوگىكىلىق ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنىڭ خىتايدىكى مەۋجۇتلۇقى پايدىلىق بولسا، ئۇلار ئۆزلىرى تەمىنلەۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ ساپ نەرسە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىپ قوغدىيالىشى كېرەك ئىدى".

مالىنوۋىسكى ئەپەندى يىغىندا يەنە، ئەگەر غەربتىكى ئىنتېرنېت شىركەتلىرى داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ مەقسىدىگە باش ئېگىۋەرسە، ئۇ ھالدا دۇنيادىكى باشقا ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش مەقسەتتە چىڭ تۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئۇ چاغدا دۇنيادا ئىككى خىل ئىنتېرنېت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ" دېدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.