كانادا مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى ئەيىبلىدى


2006.02.20

كانادا مەتبۇئاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى قامال قىلىش ۋە ئەركىن پىكىردىكى مەتبۇئاتلارنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.

يېڭى ئۇچۇر دەۋرى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى تىزلىتىدۇ

كانادادىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان “Toronto Star” گېزىتىدىكى "ئىنتېرنېت شىركەتلىرى خىتاينىڭ بېسىمىغا تىز پۈكتى"، ناملىق ماقالىدا خەلقئارالىق چوڭ شىركەت بولغان Yahoo, Microsoft, Google قاتارلىق ئىنتەرنەت شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت تۈزۈمدىكى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى قامال قىلىشىغا ھەمكارلاشقانلىقى تەنقىت قىلىنغان ھەمدە ئىنتەرنەت شىركەتلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىلىرىگە زىت ئىكەنلىكى شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە ئۈلگە بولۇپ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى چەكلىشىگە ھەمكارلاشقان بۇ شىركەتلەرگە تەدبىر قوللانماقچى بولغانلىغىنى ئەسكەرتىلگەن.

بۇ ماقالىدا، 1989 يىلى تىئەنئەنمەندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك ۋە ئەركىنلىك تەلەپلىرىنى تانكىلار بىلەن باستۇرغان خىتاي، ئەمدى خەلقنىڭ ئەركىن مەتبۇئاتقا بولغان تەلەپلىرىنى غەرب ئىنتەرنەت شىركەتلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق بوغۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنماقتا. دېيىلىدۇ.

ماقالىدا يەنە خىتاي دائىرلىرىنىڭ كومپارتىيىسىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئەركىن ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىنى، دېموكراتىك چۈشەنچىلەردىن خەۋەردار بولۇشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، ئامما 21 ئەسىردىكى يېڭى ئۇچۇر دەۋرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى تىزلىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللىقىدىكى تېلېۋىزور قاناللىرىنىڭ كانادادا تارقىتىلىش مەسىلىسى

"ۋانكۇۋېر سان" ناملىق گېزىتتە ئېلان قىلىنغان "سوز ئەركىنلىكى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتى، بەئىجىڭ ئۆزى كونترول قىلغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كانادادا تارقىتىشنى ئۇمۇت قىلماقتا" سەرلەۋھىلىك ماقالىدە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قاتتىق بوغۇۋاتقانلىقى، ئەركىن پىكىردىكى گېزىتلەرنى پېچەتلەۋاتقانلىقى ۋە بىر قىسىم مۇستەقىل يازغۇچىلارنى دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى سىرتقا ئاشكارىلىدى، دېگەندەك ناملار بىلەن قولغا ئېلىۋاتقانلىقى، بۇنداق ئەھۋالدا يەنە نىمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت كونتروللىقىدىكى تېلېۋىزور قاناللىرىنىڭ كانادادا پروگرامما تارقاتماقچى بولغانلىغى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ماقالىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆڭۈل قۇيۇپ پەدەزلىگەن تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئارقىلىق، كانادا تەرەپنىڭ سىنزورلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كاناداغا بىۋاستە كىرىشنى خىيال قىلماقتا. خىتاينىڭ مەقسىتى قانۇنى يوللار ئارقىلىق، كانادادا جامائىتىنى قايمۇقتۇرۇش ۋە بۇ يەردىكى خىتايلارنى پارچىلاش، دېيىلگەن.

بۇ يىل يىل بېشىدا، خىتاي دائىرلىرى ھۆكۈمەت كونتروللىقىدىكى 9 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ، كانادادا پروگرامما تارقىتىش ھوقۇقى بېرىشنى، كانادا ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلغانىدى. مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتاي دائىرلىرى ھازىرچە، باش شىتابى خوڭكوڭدىكى سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كانادادا پروگرامما تارقىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئامما كانادا رادىئو تېلېۋىزىيىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، فالۇڭۇڭچىلارغا مايىل بولغان، "يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى" گىمۇ كانادادا قانۇنلۇق پروگرامما تارقىتىش ھوقۇقىنى بەرگەن..

ئەمىلىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى

بىز كانادادىكى "يېڭى تاڭ" تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شياۋجۇنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ، خىتايدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن تەسىس قىلىنىدىغانلىغى، ئۇنىڭ كانادا ۋە غېرىپ دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەدى:

"شۇڭا بۇلار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەمەس، ئەمىلىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانىدۇر. بۇ نوختىلار خىتاي دائىرلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىدە ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىدە قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قۇيۇلماقتا. ئۇلار كۆپچىلىككە توغرا ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خوجايىنلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئوتەيدۇ. كانادانى تىلغا ئالساق، لىبېرال پارتىيە ياكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى بولمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ شۇنداق.

ئۇ خىتاينىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى كاناداغا كىرسە بۇ يەردىكى خىتايلارنى كونترول قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا ئۇرۇنىدىغانلى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگىمۇ تەسىر كورسىتىدىغانلىغىنى بايان قىلىپ: "خىتاي تېلېۋىزىيىسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغانلىغى ئۈچۈن، خىتاي كوممۇنىستلىرى قايسى گۇرۇھ ۋە قايسى خەلقنى، يەنى تىبەتلىكلەرنى، ئۇيغۇرلارنى، فولۇڭوڭچىلارنى ۋە ياكى دېموكراتلارنى باستۇرسا، ئۇلار دەررۇ بۇلارغا ماسلىشىپ، يالغان ھەۋەر ئويدۇرۇش چىقىدۇ ۋە ئۆچمەنلىكنى قوزغاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ. ئامما خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئىشلىتىدىغان ئوز-ئارا ئۆچمەنلىكنى قوزغاش ئۇسسۇلى كانادا قانۇنىدا چەكلەنگەن. " دەيدۇ.

مەلۇماتىغا قارىغاندا، بىر قىسىم كانادالىقلاردا، خىتاي تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى كاناداغا كىرسە، ئۇلار غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولىشى مۇمكىن دېگەندەك قاراشمۇ بار ئىكەن.

ئىدېئولوگىيە خىتاي ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم

كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە سىياسى پائالىيەتچى غۇلام ئەپەندى بۇ قاراشلار ھەققىدە توختىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى بۇزۇش ۋە ئۇنى كونترول قىلىشنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىشتىكى بىر مۇھىم قورال قىلغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر دائىم ئىدېئولوگىيىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاخباراتنى ئەركىن قويۇپ بېرىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى زاۋانلىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا كانادا رادىئو تېلېۋىزىيىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتاي تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ كانادادا پروگرامما تارقىتىش تەلىپىگە قارىتا، ئاخىرقى قارارنى بۇ يىلنىڭ ئوتۇرلىرىدا بېرىدىكەن. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.