خىتاي، دۇنيا بويىچە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان دۆلەت


2006.02.22

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى قاتارلىق خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلمەكتە. لېكىن يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۇ ھەقتە نۇرغۇن باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە زور چەكلىمىلەرنى قويۇۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، خىتايدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى " ناھايىتى نورمال ۋە ساغلام ھالدا تەرەققى قىلماقتا" دەپ جاكارلىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمۇشى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى ۋە نەپرىتىنى قوزغىماقتا. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى سىدىق ھاجى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.