بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 3 چوڭ سولچىلار تور بېتىنى تاقىۋەتتى
2006.02.23

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئاچماقچى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر يىغىنلارنى ئېچىشنىڭ ئالدىدا، خىتايدىكى "ئىشچىلار توربېتى "، "ئىشچى دېھقان ۋە ئەسكەر ببس تور بېتى" ۋە "كوممۇنىستلار تور بېتى" قاتارلىق 3 چوڭ سولچىلار تور بېتىنى تاقىۋەتكەن.
تەشۋىقات نىشانى
خوڭكوڭدا نەش ر قىلىنىدىغان مىڭباۋ گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تور بەتلەرنى تاقىۋېتىشى، بۇ تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى سىياسىي خاراكتېرلىك بولغانلىقتىن ئىكەن ھەمدە مەبلىغى بەلگىلىمىدىكى 10 مىليون سومدىن تۆۋەن بولغاچقا، قانۇنسىز ئېچىلغان تور بەتلەر دەپ قارالغان.
خوڭكوڭدا نەشر قىلىنىدىغان "ئىسلاھات گېزىتى" نىڭ باش تەھرىرى چەي ياڭۋېي خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن بۇ 3 چوڭ تور بېتى ھەققىدە توختىلىپ، "تاقىۋېتىلگەن بۇ تور بەتلەر گەرچە سولچى بولۇپ ماركىسىزم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، كوممۇنىست خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىگىمۇ ئىنتايىن قارشى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق تەنقىدىي پىكىر بېرىپ، كومپارتىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى پاش قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ ئىشچى - دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇلار بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن " دەپ كۆرسەتتى.
مىڭباۋ گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن بۇ 3 چوڭ سولچىل تور بېتى داۋاملىق ئىشچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، ئىشتىن بوشىتىۋىتىلگەن ئىشچىلار ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەر ۋە مەلۇماتلارنى بېرىدىكەن. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان، مەزكۇر تور بەتلەر ئىشچىلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانلىقتىن، مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەنئىي قىلىنغان.
ھەر قىل قاراشلار
ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ جەنۋېي "نېمە ئۈچۈن بۇ تور بەتلەر دەسلەپتە مەنئىي قىلىنماي، ئەمدى چەكلىنىدۇ" دېگەن مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، "بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پەقەت ئوڭچىلار تەرىپىدىنلا ئەمەس، سولچىلار تەرىپىدىنمۇ تەنقىدكە ئۇچرىماقتا. ھازىر مەيلى دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئوڭچىلار بولسۇن ياكى ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان سولچىلار بولسۇن، ھەممىسى دېگىدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىتىگە قارشى چىقماقتا. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، كۆپرەك جەمئىيەتتىكى ناھەقچىلىك، پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى پاش قىلىدۇ. شۇڭا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككىلا تەرەپنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشىغا دۇچ كەلمەكتە " دەپ ئانالىز قىلدى.
خوڭكوڭدا نەشر قىلىنىدىغان ئىسلاھات جۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى چەي يۇڭمېي خانىم "خىتاي ھۆكۈمىتى ئاچماقچى بولۇۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئەسلىدە خەلقنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يىغىنى بولۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، خەلقنىڭ دەرت - ئەلەملىرىنى ئاڭلىغۇچىلار بولۇشى كېرەك. لېكىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇدىنى، دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە يەنى خەلقنىڭ ئارزۇ -ئارمان ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتى يېتىپ كەلگەن بۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تور بەتلەرنى تاقىۋېتىشى بەكلا بىمەنە بىر ئىش. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا يىغىن ئېچىشنىڭ ئۆزى شەكىلۋازلىق قىلغانلىق. چۈنكى ئۇلار خەلقنىڭ قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە بېرىپ ئەرز سۇنۇپ، ئۆز ئابرۇيىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ قىلىشىدىن بەكمۇ قورقىدۇ " دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىدلىدى.
مىڭ باۋ گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن 3 چوڭ سولچىل تور بېتىنى تاقىۋەتكەن بولسىمۇ، مەزكۇر توربەتلەرنىڭ مەسئۇلى " بىزدە ھازىر يا پۇل، يا ھوقۇق بولمىغاچقا، تاقاش بۇيرۇقىغا بويسۇنماي ئىلاج بولمىدى. لېكىن پۇرسەت تېپىپ، يەنىلا داۋاملىق ھالدا ئىشچى - دېھقانلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىمىز " دەپ بىلدۈرگەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، دۇنيا بويىچە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان دۆلەت
- خىتايدا مەتبۇئات ئەمەلدارلارنىڭ چاڭگىلىدا
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- كانادا مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى ئەيىبلىدى
- Yahoo, Google لارنىڭ خىتايغا ھەمكارلىشىش مەسىلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى
- ئەركىنلىك سارىيى: خىتاي ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ
- خىتايغا ياردەملەشكەن ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت شىركەتلىرى تەنقىدكە ئۇچرىدى