خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە
2006.06.09
مەركىزى فرانسىيىدىكى خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى مەلۇمات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەملىكەت ئىچىدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى چېكىدىن ئېشىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە كونترول قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن قاتتىق ئەيىبلىدى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىندىن بۇيان يەنى تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ خاتىرىلەش كۈنى يېتىپ كېلىش بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىگە بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ بەك كۈچەيگەن بولۇپ، كۆپلىگەن ئۆلكىلەردە تورداشلارنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن گۇگۇل تور بېتىگە كىرىش مۇمكىنچىلىكى قەتئىي بولمىغان. دېمەك خىتايدا ھازىر گۇگۇل تور بەتلىرى ئىنتېرنېت ساقچىلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈلگەن.
تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىكى نەق مەيدان رەسىملىرى ئېلىپ تاشلانغان
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مەسئۇلى Vincent Brossel تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە 17 يىل بولغان خاتىرىلەش كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، گۇگۇل تور بېتىگە چاپلانغان ئەينى چاغدىكى قانلىق ۋەقەنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىگە ئائىت رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر -بىرلەپ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى تەكىتلە، پ"بۇ، گۇگۇل شىركىتى ۋە مەزكۇر تور بەتتىن پايدىلىنىۋاتقان خىتايدىكى بارلىق تورداشلار ئۈچۈن ئىنتايىن زور زىيان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمىن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئالدىدا بۇنداق قىلىشى ئۇلارنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ئاشكارىلاپ بەردى" دەپ كۆرسەتتى.
Vincent Brossel نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر تەكشۈرۈلمىگەن گۇگۇل تور بېتىدە "تيەنئەنمىن" دېگەن سۆزنى ئىزدىگەندە، 1989 - يىلى 4 - ئىيۇن ۋەقەسى يۈز بەرگەن چاغدا، ساقچىلارنىڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنى قانداق باستۇرغانلىقى ھەققىدىكى رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. لېكىن تەكشۈرۈلگەن گۇگۇل تور بەتلىرىدە بولسا، پەقەت ساياھەتچىلەر ئۈچۈن قويۇلغان تيەنئەنمىن مەيدانىنىڭ كۆرۈنۈشىدىن باشقا ھېچقانداق مەزمۇننى تاپقىلى بولمايدىكەن.
ھازىر خىتايدىكى تورداشلار تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن خىتايچە گۇگۇل تور بېتىنى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇگۇلغا بولغان كونتروللۇقى قاتتىق كۈچىيىپ، ھەتتا گۇگۇل خەۋەرلىرى ۋە گۇگۇل ئېلېكترونلۇق خەت-چەك مۇلازىمەت سىستېمىسىغىمۇ سىڭىپ كەتكەن.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى كومپيوتېر مۇتەخەسسىسى مۇھەممەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ Vincent Brossel ئەپەندىگە ئوخشاش كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ، خىتايدىكى گۇگۇل توربېتىدە ئىزدىگەن نەتىجە بىلەن باشقا دۆلەتلەردە تەكشۇرسە چىقىدىغان نەتىجىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇگۇل شىركىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇلغاچقا، شۇنداق بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنى بىلەلمىگىدەك ھالەتكە يەتتى
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ يىل 5 - ئايدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرى گۇگۇل تور بېتىنىڭ تەكشۈرۈشىتىن ساقلىنىدىغان يۇمشاق دىتالىنى كۈچتىن قالدۇرىدىغان تېخنىكىغا ئىگە بولغان. چۈنكى بۇندىن ئىلگىرى تورداشلار تەكشۈرۈشتىن ساقلىنىش يۇمشاق دىتالىنىڭ كۈچى بىلەن، تور بەت توسالغۇسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ كەلگەن.
گۇگۇل شىركىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئىشخانا باياناتچىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان گۇگۇل تورداشلىرى مەزكۇر ئىشخانىغا تەكشۈرۈلمىگەن گۇگۇل تور بېتىگە كىرىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمايۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىماي نارازىلىق بىلدۈرگەن. گۇگۇل شىركىتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مەسئۇلى " گەرچە گۇگۇل شىركىتى دۇنيادا ئەڭ داڭلىق بولغان ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت تور بېتى شىركىتىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلانسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بولغان بېسىمغا كەلگەندە، يېتەرلىك قەيسەرلىك كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ " دەپ تەكىتلەپ "شۇڭا ھازىر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى گۇگۇل تور بېتىنى خالىغانچە كونترول قىلىپ، ئۆزىنى بىلەلمىگىدەك ھالەتكە يەتتى " دەپ كۆرسەتتى.
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەرمۇ ئىنتايىن قاتتىق نازارەت قىلىنىدىكەن. ھەتتا، تور بەت چايخانىلىرىدا بولىدىغان سۆھبەتلەرمۇ قاتتىق تەكشۈرۈلىدىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى كومپيوتېر مۇتەخەسسىسى مۇھەممەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەر ھەققىدە توختالغاندا، مەزكۇر جايدىكى سەزگۈرلۈكنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا تور بەت باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ناھايىتى ھۇشيار ۋە ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە" بۇنداق بولۇشى مەزكۇر جايدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە بولغان نازارەت قىلىش دائىرىسىنىڭ باشقا جايلاردىكىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا يەنە بىر قاتلام يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقىدىن " دەپ كۆرسەتتى.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم شەھەرلەردە، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى مەخسۇس رەتكە سېلىش ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە باشلىۋەتكەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى ۋە خىتايدىكى ۋەزىيەت
- ياخۇ شىركىتى يەنە بىر خىتاي ئۆكتىچىسىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىغا چېتىلدى
- ۋېن جياباۋ دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 3 چوڭ سولچىلار تور بېتىنى تاقىۋەتتى
- خىتاي، دۇنيا بويىچە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان دۆلەت
- كانادا مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى ئەيىبلىدى
- Yahoo, Google لارنىڭ خىتايغا ھەمكارلىشىش مەسىلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى
- ئەركىنلىك سارىيى: خىتاي ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ