خىتايدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان يېڭى "ئىنتېرنېت قانۇنى" ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ چوڭ تەھدىت بولغۇسى
2006.07.12
7 - ئاينىڭ بېشىدا خىتاينىڭ دۆلەت كابىنېتى "تەسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىش قانۇنى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانۇننى لايىھىلەپ چىقىپ، ئۇنى 10 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 22 - قېتىملىق دائىمىي ئەزالار يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا تاپشۇرغان. ب ب س، رويترس ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ لايىھىنىڭ 57 - ماددىسىدا "ئەگەر ئۇچۇر ۋاستىلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزلىرى خالىغانچە پايدىسىز ئۇچۇرلارنى تارقاتسا ياكى ساختا ئۇچۇر مەلۇم قىلسا، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارغا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر 50 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە پۇل جەرىمانە قويىدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى بۇ قانۇننى "خىتايدىكى تېخىمۇ ناچار قانۇن" دەپ باھا بەرگەن.
رادىئومىز مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت كابىنېتى يېڭىدىن لايىھىلەپ چىققان "تەسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىش قانۇنى" نى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىشىغا تاپشۇرغاندىن كېيىنلا، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە يېڭىدىن بىر "ئىنتېرنېت قانۇنى" ئېلان قىلىنىپ، دەرھال ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇنىڭدا "ئائىلىلەردە ئىنتېرنېتكە كىرىدىغان شەخ سىيلەر چوقۇم يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتكە نازارەت قىلىش باشقارمىسىغا ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك"، "بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ كامپۇتېرلىرى 6 ئايغىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. چۇڭچىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يېڭى قانۇن -بەلگىلىمىسى "چۇڭچىڭ سودا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان.
بۇنىڭدىن بۇرۇن رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان ئۇيغۇرلار ئائىلىلەردە ئىنتېرنېتكە كىرگەندە ئاچىدىغان تور بەتلىرى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن تور بەتلىرى ئىكەنلىكىنى، خەلقئارادا خەت ئالاقە قىلغان كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەرگە سولانغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتايدا ھازىر ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىنتېرنېت توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرى بارلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە چېگرىسىز ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يوللىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە
- ئۇيغۇرلار بېرلىندا ئېچىلغان خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ھەققىدىكى يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى
- دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى ۋە خىتايدىكى ۋەزىيەت
- ياخۇ شىركىتى يەنە بىر خىتاي ئۆكتىچىسىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىغا چېتىلدى