خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ،ياخۇ ۋە گۇگۇل قاتارلىق ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. دوكلاتتا " ياخۇ،گۇگۇل ۋە ۋېي رۇئەن قاتارلىق بۇ ئۈچ خەلقئارا شىركەتلەر ئۆز ۋەدىسىدە تۇرماي،خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلىپ،ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىشنى توختاتماي كەلمەكتە. مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇلارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامنامىسىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ " دەپ يېزىلغان.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە،"ياخۇ،گۇگۇل ۋە ۋېي رۇئەن قاتارلىق بۇ ئۈچ شىركەت ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىنى چەكلىشىگە ياردەم بېرىپ كەلمەكتە. خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامنامىسىنىڭ 19 - ماددىسىدا 'ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا پىكىر بايان قىلىش ۋە ئەركىن سۆزلەش ھوقۇقى بار ' دەپ كۆرسىتىلگەن. ياخۇ،گۇگۇل ۋە ۋېي رۇئەن قاتارلىق بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى مەزكۇر بەلگىلىمىنى پۈتۈنلەي كۆزگە ئىلمىغانلىقتۇر" دەپ تەكىتلەنگەن.
شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەققىدىكى پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى روبېرت خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ،مۇنداق دېدى:
"بىز ھازىر بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ،ئىنتېرنېت تور بېتىنى بۇ خىل ھالەتتە كونترول قىلىشىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. شۇڭا بىز بۈگۈن كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىنى قوغداش ئۈچۈن،خەلقئارالىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش قارارىنى چىقاردۇق. بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تور بەتلەردە ئىمزا قويۇش ئارقىلىق،ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەققىدىكى پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز".
يەنىلا سىياسىيۇنلارنىڭ زور دەرىجىدە كۈچ چىقىرىشىغا باغلىق
ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىنتېرنېت تور بېتى مۇتەخەسسىسى لى خۇڭكۇەن ئەپەندى ياخۇ،گۇگۇل قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى بۇنداق كونترول قىلىشىغا يول قويىۋاتقانلىقىنى ئانالىز قىلىپ،مۇنداق دېدى:
"ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق باياناتى بويىچە سودا قىلىشقا توغرا كەلسە،بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدا سودا قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ھازىر خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تور بېتى ھەققىدە بېكىتكەن قانۇن بەلگىلىمىلىرى بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن ھەر خىل تەنقىدى پىكىرلەر ھەقىقەتەن يوللۇق. لېكىن ھازىر ئامېرىكىنىڭ بۇ شىركەتلىرى پۈتۈنلەي ئامالسىز ھالەتتە قالغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە،شەخسى شىركەتلەرنىڭ خىتايدەك بۇنداق چوڭ بىر دۆلەتكە تاقابىل تۇرالىشى بەكمۇ تەسكە توختايدىكەن. شۇڭا بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرەپ بولۇشى يەنىلا سىياسىيۇنلارنىڭ زور دەرىجىدە كۈچ چىقىرىشىغا باغلىق".
خىتايدىكى ئىنتېرنېت تور بېتىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە،خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى،خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىقلار كۆپ قېتىم دوكلات ئېلان قىلىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلمەكتە. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ئۆز خاتالىقىنى تونۇش بىر ياقتا تۇرسۇن،ئەكسىچە تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ،ئۆزىگە يول ئېچىشقا ئۇرۇنماقتا.
مەسىلەن،خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئىشلىتىشتە زور چەكلىمىلەرنى قويۇۋاتقانلىقىغا نۇرغۇن باھانە- سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ،" خىتايدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرى ناھايىتى نورمال ۋە ساغلام ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى سىدىق ھاجى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان باھانىلىرى ۋە گۇگۇل قاتارلىق چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئامالسىز ھالەتتە قالغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.