رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇيىل ھازىرغا قەدەر 700 دىن ئارتۇق ئىنتېرنېت تور بېتىنى تاقىۋەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئىنتىرنېتتە ئۇچۇر ئىزلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان 8 چوڭ تور گېنېراتورىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا 4 - ئىيۇن، مەدەنىيەت ئىنقىلابى، فالۇنگوڭ، تەيۋەن، تېبەت، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى دېگەندەك سەزگۈر ئاتالغۇ ۋە سۆز -ئىبارىلەرنى پۈتۈن ئىنتېرنېت دائىرىسىدىن سۈزۈپ چىقىرىۋەتكەن. يۇقىرقىدەك سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئىزلىگۈچىلەرنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.
زىيالىلار قول قويۇپ يوللىغان خەت
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە "ئەسىرلەردىن بۇيانقى جوڭگو" دېگەن مۇنازىرە تور بېتىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا تور بەتلىرىنى قوشۇپ (مەسىلەن www.ss.org.cn ۋە www.ssform.cn قاتارلىق تور بەتلىرىنى) مەجبۇرىي تاقىۋەتتى. بۇ تور بېتىنى بېيجىڭدىكى كەلگۈسى مەدەنىيەت تەتقىقاتى جەمئىيىتى ئاچقان بولۇپ، ئۇ خىتايدا ئەركىن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زىيالىيلار ئۆز -ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بىر چوڭ تور بەت ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تور بېتىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن، يېقىندا خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى زىيالىيلاردىن 103 نەپەر كىشى ئىمزا قويۇپ ھۆكۈمەتكە قارىتا خەت يازغان. بۇ ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتتە ھۆكۈمەت تاقىۋەتكەن تور بەتلىرىنى قايتىدىن ئېچىشقا بولغان جىددىي ئىنتىلىش قوزغالغان. بۇ زىيالىيلار ھۆكۈمەتكە يازغان خېتىدە "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئەركىن پىكىرلەرنى باستۇرغانلىقى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35 - ماددىسىدا خىتاي پۇقرالىىرنىڭ پىكىر بايان قىلىش، نەشرىيات، توپلىنىپ نامايىش قىلىش، تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ئەركىنلىكى بار دەپ بەلگىلەنگەن قانۇنىي ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق، قانۇنسىزلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەت" دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئەركىن پىكىر قىلىدىغان تور بەتلىرىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلەپ خەت يازغان خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى 103 نەپەر زىيالىينىڭ بىرى بولغان بېيجىڭدىكى مۇستەقىل يازغۇچى ليۇشاۋبو ئەپەندى "ئۇچۇر ئەركىنلىكى دېگەن پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان ئورتاق قىممەت قارىشى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئورتاقلىققا ئىگە بولغان بۇنداق قىممەت قارىشىغا قارشى ھالدا ئۆزى خالىغانچە بەلگىلىمە چىقىرىپ، بىر قىسىم ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى خەۋەر تارقاتسا بولىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئۇچۇر تارقاتسا بولمايدۇ، بۇ بىر قىسىم شەخسلەرنى ئۇچۇر تارقاتسا بولىدۇ، يەنە بىر قىسم شەخسلەرنى ئۇچۇر تارقاتسا بولمايدۇ دەپ چەكلىمە قويۇشى توغرا ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ۋە ھەر قانداق شەخسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇچۇر تارقىتىش ئەركىنلىكى بار" دېگەن.
ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى تاقاش جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ
خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىمزا قويۇپ خەت يازغان103 نەپەر زىيالىينىڭ يەنە بىر بولغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناس پروفېسسورى خې ۋېيفاڭ ئەپەندى " ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى تاقاش جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35 - ماددىسىغا خىلاپ. ئەگەر ھۆكۈمەت ئۆزى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ يەنە باشقا بىرخىل قانۇن چىقىرىۋالسا، بۇ ھەقتە دۆلەتنىڭ قانۇن ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنسا، بۇنداق ئەرز قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھۆكۈمەت چىقارغان قانۇننى سورايدىغان يەنە باشقا بىر قانۇن بولمايدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بۇيىچە ئىش بېجىرىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەسلىكىنىڭ پاكىتى" دېگەن.
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا تېبەت يازغۇچىسى ۋېسەر خانىمنىڭ "تېبەت مەدەنىيىتى" تور بېتىدە تۇتۇپ قويغان "قان رەڭلىك خەرىتە" دېگەن تور پونكىتى بىلەن "چوڭ بايراق" تور بېتىدە تۇتۇپ قويغان "ۋېسەر تور پونكىتى" دېگەن ئىككى تور پونكىتىدا دالاي لامانىڭ 71 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنى قوللىغان ئاۋازلار كۈنسېرى كۆپەيگەن ئىدى. ئېھتىمال ئۇنى قوللايدىغان ئاۋازلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ مىنىستىرلىكى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ۋېسەر خانىمنىڭ بۇ ئىككى تور پونكىتىنى دەرھال تاقىۋېتىلگەن.
ۋېسەر خانىم 1988 - يىلى غەربىي جەنۇب مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يازغۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ "تېبەت خاتىرىسى" دېگەن ئەسەرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەندىن كېيىن، ئۇ جەمئىيەتتە كەڭ تونۇلغان. ۋېسەر خانىم ئۆزىنىڭ تور پونكىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋىتىلگەنلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ "كۆڭۈلدىكى پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان ئۇسۇل بىرخىللا ئۇسۇل بولمايدۇ، باشقا ئۇسۇلمۇ بار. مەن يېزىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن، ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايمەن" دېگەن. (ۋەلى)