خەلق ئۆزى ئىشلەۋاتقان قىسقا فىلىملەرنى ھۆكۈمەت ئىنتېرنېت ئارقىلىق توسالمايدۇ


2006.08.17

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن 16 ‏- ئاۋغۇست كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا خەلق ئىچىدە ھازىر قىسقا تۇرمۇش فىلىملەرنى، كۈلدۈرگە ياكى ھەجۋىي ۋىدىئو فىلىملەرنى ئىشلەش ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشتى. تور بەتلىرىدىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان كىنايە رەسىملەر كۆپىيىپ كەتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خەلق ئۆزلىرى ئىشلىگەن قىسقا ۋىدىئو فىلىملەرنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق قويۇشنى، ئۆز -ئارا يوللاش ياكى ئالماشتۇرۇشنى چەكلەش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت پۇقرالىرى ئۆزلىرى ئىشلىگەن قىسقا ۋىدىئو فىلىملەرنى چەكلەيدىغان بۇ بەلگىلىمىسى مۇشۇ ئاي ئىچىدە ياكى ئەڭ كېچىككەندە 9 ‏- ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 17 ‏- ئاۋغۇست كۈنى بېجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، 'ئىبەي' دەپ ئاتىلىدىغان ئىنتېرنېت بازىرىدا ئاللىقاچان سېتىلىشقا باشلىغان سۈنئى ھەمراھتىن بىۋاستە ئۈن-سىن قوبۇللايدىغان ئانتىنىلارنى بېكىتىشنىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەرنىڭ پروگراممىلىرىنى قانۇنسىز قوبۇللاشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەت ، دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەممىنى توسالىشى ناتايىن

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سۈنئى ھەمرا ئانتىنىلىرىنى بېكىتىشنى 'شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش' ، 'دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش' دېگەن دائىرىگە كىرگۈزۈۋالغان. 'ئىبەي' دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق ئىنتېرنېت بازىرىنىڭ خىتايدىكى ئىش ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈنئى ھەمراھتىن بىۋاستە ئۈن-سىن قوبۇللايدىغان ئانتىنىلارنى سېتىش ۋە بېكىتىش جەھەتتە، ئىنتېرنېت بازىرىنىڭ يەرلىك شۆبىلىرى بىلەن شەخسىيلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان قانۇنلۇق كېلىشىملەر بار. ئىنتېرنېت بازىرىدا سۈنئى ھەمراھتىن قوبۇللايدىغان ئانتىنىلارنى باھا تالىشىپ سېتىش ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ، ھەر كۈنى ناھايىتى كۆپ مىقداردا سېتىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. گەرچە ھۆكۈمەت ئىنتىرنېتتە بەزى ئاتالغۇلارنى سۈزۈش ئارقىلىق بەزى كىشىلەرنىڭ سودىسىنى توسۇپ قالالىسىمۇ، ئەمما بىر پۈتۈن تىجارەتنى توسۇپ قالالمايدۇ. كۈنسېرى يېڭىلىنىپ بازارغا سېلىنىۋاتقان ئانتىنىلاردىن شەخسىيلەر بېكىتىپ بولغانلارنىڭمۇ ھەممىسىنى بايقاپ، چەكلەپ بولالماسلىقى مۇمكىن.

ھازىر كانادادا تۇرىۋاتقان، ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنى ياخشى ئىگەللىگەن، ئىسىمنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلاردا ھازىر رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قىسقا تۇرمۇش فىلىملىرى، كۈلدۈرگە ياكى باشقا ھەجۋىي فىلىملەر ناھايىتى كۆپ، خەلق ئۆزى ئىشلىگەن قىسقا فىلىملەرنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق توسۇپ بولالمايدۇ، خەلق يەنە داۋاملىق ئىشلەۋېرىدۇ، ئۆز -ئارا قولدىن -قولغا ئالماشتۇرۇپ تارقىتىۋىرىدۇ. ئىنتېرنېت بازىرى دېگەن خەلقئارالىق بازار، ئۇنى خىتاي يالغۇز توسالمايدۇ.

ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىدىن ئەنسىرىدى

رادىئومىز مۇخبىرى شىسەننىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چەتئەللەردە چىقىدىغان 'چوڭ پايدىلىنىش خەۋەرلىرى' دېگەن ئېلىكترونلۇق گېزىتىنىڭ ساھىبى لى خوڭكۇەن ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، يېقىندا خىتايدا خېگې دېگەن كىشى ئىشلىگەن 'بىر پارچە ھۆر ناندىن كېلىپ چىققان قانلىق دېلو' دېگەن قىسقا ۋىدىئو فىلىمى ئىنتىرنېتتە ناھايتى كەڭ تارقالدى. 'چاقناپ تۇرىدىغان قىزىل يۇلتۇز 'دېگەن قىسقا ھەجۋىي فىلىممۇ ناھايىتى كەڭ تارقالدى. بۇنداق قىسقا فىلىملەر ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ فىلىملىرىنىڭ ئابرۇيىنى سۇندۇردى، نەزەرىيە ئاساسىنى بىكار قىلدى. خەلق فىلىم ئىشلەپ ئىنتىرنېتتە تارقىتىدىغان تېخنىكىنى ئىگەللەپ، ئەركىن پىكىر بايان قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن ئەنسىرىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن بولغان تېخنىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنپ، خەلقنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىشنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىقلا جىم-جىت ھالدا توسۇپ قويماقچى بولغان.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى، ھازىر ئەركىن يازغۇچى جياۋگوبياۋ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلق ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان بۇنداق قىسقا فىلىم ناھايىتى كۆپ، ھۆكۈمەت ھازىر يەنىلا مۇستەبىتلىك نەزەرىي بىلەن پىكىر يۈرگۈزىۋاتىدۇ، بۇ ئاقمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت خەلق ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان قىسقا فىلىملەرنى توسۇپ بولالمايدۇ، توسالىسىمۇ جازالاپ بولالمايدۇ، دېگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.