خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ بەك كۈچەيتىشكە باشلىدى

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيە سېكرېتارى خۇ جىنتاۋ يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان دۇنيا ئىنتېرنېت تەرەققىياتىغا، خىتايدىكى ئىنتېرنېت باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە نۇرغۇن يول -يورۇقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە "ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى تەرەققى قىلىشتا، باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك، شۇنداقلا 'تازىلاش -باشقۇرۇش' تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك" دەپ تەكىتلىدى. ئانالىزچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ دېگەنلىرىنى ئانالىز قىلىپ "قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيىسى مەقسەتلىك ھالدا ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. گەرچە ھازىرچە ئۇلارنىڭ كونترول قىلىش نىشانى تېخى پۈتۈنلەي ئېنىق بولمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىن قاتتىق بولۇشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتاينىڭ مەقسىتى خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش

خىتايدا ھازىر ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەر سانى 140 مىليونغا يەتكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، خۇ جىنتاۋنىڭ ئىنتېرنېت ھەققىدە قىلغان سۆزىگە باھا بېرىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر -دىن بىر مەقسىتى پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىنى ئىشلىتىشتىكى ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش" دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گۇ يۈئەن خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقىنىڭ ئەزەلدىن ناھايىتى چىڭ بولۇپ كەلگەنلىكىنى، خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى سۆزىدىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەركىنلىكى تېخىمۇ زور توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ "ئۇلار بەلكىم بۇندىن كېيىن بىر قىسىم مۇھىم تور بەتلەرنى تېخىمۇ ئالاھىدە ئۇسۇللار ئارقىلىق كونترول قىلىشى مۇمكىن، ' تازىلاش – باشقۇرۇش’ سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا، ئالدى بىلەن چەتئەل تور بەتلىرىنى ئاساسى نىشان قىلىشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.

خۇ جىنتاۋنىڭ ئىنتېرنەت تور بەتلىرىنى كونترول قىلىش ھەققىدە قىلغان سۆزى بۇندىن ئىلگىرى خىتاي يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزلىرىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. گەرچە ئۇ "كونترول قىلىشتىكى مەقسەت، تور بەتلىرىنى تازىلاش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئىنتېرنېت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى رەتكە سېلىش" دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئانالىزچىلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، خىتايدا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەكشۈرۈلمىگەن چەتئەل تور بەتلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەي كەلگەن. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەنقىدى پىكىر بەرگەن توربەتلەرنى كۆرەلىشى تېخىمۇ مۇمكىن بولمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىر ئەمەس

خوڭكوڭ شافىر نەشىرياتىنىڭ مەسئۇلى ياۋ ئەپەندى "خىتاي ھۆكۈمىتى تور بەتلەرنى رەتلەش ۋە تازىلاشنى باھانا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ بەك بوغماقچى بولىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئاغزىدا بىر خىل، ئەمەلىيەتتە يەنە بىر خىل قىلمىشلارنى قىلىپ كەلگەن " دەپ بىلدۈردى.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار "ئىنتېرنېت ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ ئىجادىيەت بولۇپ، ئۇ دۇنيا خەلقىنى ئەركىن ھالدا چەكسىز ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئۇنىڭ گېزىت، ژورنال، رادىئو ۋە تېلېۋىزورلاردا بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەر بىلەن بولغان بىر -دىن بىر پەرقى، ئىنتېرنېتنىڭ باشقا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىغا ئوخشاش "باش تەھرىر" ئى يوق. لېكىن خۇ جىنتاۋنىڭ دېگەن گەپلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ باش تەھرىرى بولۇپ، ئاتالمىش رەتكە سېلىش ۋە تازىلاش دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئۆز پۇقرالىرىنى سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن توسۇپ، ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنيادىن ھەقىقىي خەۋەر ئېلپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ھوقوقىنى يوق قىلماقتا " دەپ ئەيىبلىمەكتە.

بۇ ھەقتە خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گۇ يۈئەن خانىم "خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تۈرلۈك ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلمەكتە. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدىغان ئاماللارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. كىشىلەر يەنىلا بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان چەتئەل تور بەتلىرىدىن پايدىلىنالايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم زادى قايسى جەھەتتە تازىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېنىق دېمىگەن بولسىمۇ، پۇقرالارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى سۆزلەش ئەركىنلىكنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق " دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)