ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنماقتا


2007.01.26

خىتاي كومپارتىيە سېكرېتارى خۇ جىنتاۋنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىنى باشقۇرۇش ھەققىدە قىلغان سۆزى خەلقئارادا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، ئانالىزچىلار "خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى يوليورۇقىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن" دەپ پەرز قىلماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە خۇ جىنتاۋنىڭ ئىنتېرنېت ھەققىدە قىلغان سۆزىگە باھا بېرىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر -دىن بىر مەقسىتى پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىنى ئىشلىتىشتىكى ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش" دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي كۆپلىگەن خىتاي زىيالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقىنىڭ ئەزەلدىن ناھايىتى چىڭ بولۇپ كەلگەنلىكىنى، خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى سۆزىدىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەركىنلىكى تېخىمۇ زور توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، ئۇلار يەنە "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىن ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلغار تېخنىك ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق كونترول قىلىشى مۇمكىن، شۇنداقلا بۇ ھەقتە ئالدى بىلەن چەتئەل تور بەتلىرىنى ئاساسى نىشان قىلىشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرى ھەقىقەتەن ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. مەسىلەن ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قانداق بىر تور بەتكە كىرمەكچى بولسا، باش بەتنىڭ ئۆزىدىلا "تور بېتىمىزنىڭ تۈزۈمىگە بويسۇنۇڭ، سۆز ھەرىكەتلىرىغىزگە دىققەت قىلىڭ، بىر ‏-ئىككى ئېغىز گەپنى خاتا قىلىپ قويۇپ، قانۇنىي جازاغا تارتىلىپ قالماڭ" قاتارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلار يېزىلغان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا بولسۇن، نۇرغۇن تور بەتلەرنى تاقىۋەتكەن. كانادادا تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىدىنمۇ قاتتىق كونترول قىلىنماقتا، ئۇيغۇر خەلقى ئەركىن پىكىر بايان قىلىش جەھەتتە خىتاي پۇقرالىرىغا قارىغاندا، تېخىمۇ بەك بىچارە ھالەتتە قالغان دەپ بىلدۈردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇھەممەت توختى ئەپەندى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەرنى نەقەدەر قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.