
"ۋاشىنگتون خەۋەرلىرى" يازغۇچىسى ئېرك گرىن ئەپەندىنىڭ 14 - فېۋرال كۈنى بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەر شارى بۇيىچە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان يىغىندا، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەكچىلەر خىزمىتى بۇيىچە مىنىستىر ياردەمچىسى جەفىرى كىرللا يىغىن ئەھلىگە بىر يېڭى ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ، يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوند جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارا ئىنتىرنېت بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق رىكورتى ھەققىدە تەييارلانغان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى خەلقنىڭ ئىنتىرنېت ئەركىنلىكىنى بىر مۇھىم مەزمۇن قىلىشى قارار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ يىغىندا يەنە، خەلقئارالىق ئىشلار بۇيىچە مىنىستىر ياردەمچىسى پاۋلا دوبىريانىسكى پۈتۈن يەر شارى بۇيىچە ئىنتىرنېتتىكى شىفىرلىق ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە شەخسىيلەرنى كىملىكى ئوغۇرلىنىشتىن ساقلاش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى، بولۇپمۇ خەلقنىڭ ئىنتىنېت ئەركىنلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى خەلقئارالىق ئۆلچەملەرنى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنتىرنېت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ ئەركىن پىكىرلىرىنى باستۇرۇشى جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئۆلچەملەرنى جاكارلىغان.
خەلقنىڭ پىكىر بايان قىلىش، ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ھازىرقى بىر مۇھىم خىزمەت
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەر شارى بۇيىچە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن، يەنى 30 - يانۋار كۈنى بىر يىغىن ئاچقان ئىدى. شۇ قېتىمقى يىغىندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايس خانىم، ھازىر دۇنيادا خەلقنىڭ ئىنتىرنېتتە ئۆز پىكرىنى ئەركىن ئىپادىلىشىگە ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشىغا رېقابەت قىلىۋاتقان مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېخىچە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خەلقنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ۋە ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ھازىرقى بىر مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. خەلقنىڭ ئىنتىرنېت ئەركىنلىكىنى نازارەت، تەقىپ ئاستىغا ئالىدىغان ياكى قانۇنغا تايىنىپ بوغۇپ تاشلايدىغان، باستۇرىدىغان ھۆكۈمەتلەرگە چۇقۇم تاقابىل تۇرۇش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن. شۇ قېتىمقى يىغىندا ياخۇ، گۇگۇل قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىگە ئىمكان قەدەر كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە "ئىنتېرنېت جىنايەتچىلىرى"نى 2007 - يىللىق قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ يېڭى نىشانى قىلىدىكەن
"تەڭرىتاغ تورى"نىڭ "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" دىن كۆچۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۈدېشاڭ 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىنتېرنېتتە ئەركىن ئۇچۇر يەتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلغان دەپ قارىلىدىغانلىقىنى، بۇنداق كىشىلەرنى 2007 - يىلىدا قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ يېڭى نىشانى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە ھازىر ئىنتېرنېتكە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش، ئىنتېرنېتتىن مەسىلە بايقاش، رازۋېت قىلىش ۋە جازالاشنى كۈچەيتىش، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈش "جىنايىتى" سادىر قىلغۇچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان. ئۇيغۇرچە ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى سۈزۈپ تەكشۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ئۇسۇلى ناھايىتى قەبىھ بولماقتا. ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە بەزى چوڭ ۋەقەلەر، مەشھۇر شەخىسلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنسا ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلمىغان ئۇچۇرلار، يېڭى پىكىرلەر كۆچۈرۈپ قويۇلسا ياكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلىقنى باستۇرىدىغان سىياسەت -تەدبىرىلىرى ھەققىدە سۆز ئېچىلسا، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ تور بېتىنى دەرھال چەكلەيدىغان ياكى تاقىۋىتىدىغان، ئەركىن پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇرغا ھەرخىل جازا قوللىنىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلەر ناھايىتى ئومۇملاشقان.
خىتاي دۇنيا بۇيىچە خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان ئەڭ چوڭ تۈرمە
باش ئورگىنى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2 - ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ھازىر 972 مىليون ئادەم ئىنتېرنېتكە كىرىدۇ. پۈتۈن دۇنيادا كۆپىنچە دۆلەتلەر ئىنتېرنېتنى چەكلىمەيدۇ. ئەمما بىر نەچچە دۆلەتتىلا خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى چەكلىنىدۇ. دۇنيا بۇيىچە ھازىر ئىنتېرنېتتە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە ئېلىنغان ئادەم سانى 60 نەپەر. بۇنىڭ 50 نەپىرى خىتايدا. قالغان 10 كىشىنىڭ 4 ى ۋېتنامدا، 3 ى سۈرىيىدە، تۇنىس، لىۋىيە، ئىرانلاردا بىردىن. دېمەك، خىتاي دۇنيا بۇيىچە خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان ئەڭ چوڭ تۈرمە. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى سەزگۈر ئىبارىلەر بۇيىچە سۈزۈپ-تەكشۈرۈش سىياسىتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنتېرنېتنىڭ دۈشمىنى. بۇ تەشكىلات ھازىر ئۆزى ئىجاد قىلغان يۇمشاق دېتاللار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلىشىگە تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ. (ۋەلى)