خىتايدا 2007 ‏- يىلى يېڭى تور خانا ئېچىش مەنئىي قىلىندى


2007.03.09

internet-150.jpg
ئىشلەتكۈچىلەر 2007 – يىلى 27 – يانۋار كۈنى خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى بىر تورخانىدا. مۇئەتەخەسىسلەر خىتايدا ھازىر 30 مىڭدىن 40 مىڭغىچە ئىنتېرنېت ساقچىسىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. AFP

خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە خىتاي سودا سانائەت ئىدارىسى قاتارلىق 14 ئورۇن يېقىندا بىرلىكتە ئوقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، 2007 ‏- يىلى خىتاينىڭ ھەرقانداق ئۆلكىلىرىدە يېڭى ئىنتېرنېت تور خانىلىرىنى ئاچماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يەنە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ " كومپيوتېر مۇلازىمەتخانىسى"، "خىزمەت تېپىش مۇلازىمەتخانىسى" قاتارلىق ناملار بىلەن باشقىچە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تورخانىلارنى تاقىۋېتىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. شۇنداقلا ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئېچىلغان تورخانىلارنىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

تورخانىغا كىرىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ سالمىقى خېلى بار

خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى تورخانىلارغا بولغان بۇ خىل باشقۇرۇش ۋە مەنئىي قىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب، قورامىغا يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق جىنايەت سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر خىتايدىكى 18 مىليون تور پايدىلانغۇچىلىرىنىڭ 13 پىرسەنتى ياش ئۆسمۈر بالىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئاققۇنلارنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ئېچىۋالغان ھەر خىل نامدىكى تورخانىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان ھەمدە بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى 24 سائەت ئوچۇق بولۇپ، كىرىدىغانلار ئاساسەن ھەممىسى دېگىدەك باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن.

بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر خانىم ئۈرۈمچىدە بولۇپمۇ مەكتەپلەر ئولتۇراقلاشقان جايلاردا كېچە ‏-كۈندۈر ئوچۇق بولىدىغان قالايمىقان تور خانىلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ خانىم سۆھبەت جەريانىدا، ياش ئۆسمۈر بالىلار ئوقۇشقا بېرىلمەي، تورخانىغا خۇمار بولۇپ قالىدىغان ئەھۋالنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىك ھۆكۈمەتينىڭ تۈرلۈك پۇل تېپىش مەقسىدىدە قالايمىقان ئېچىلغان تورخانىلارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالىشىغا دېگەندەك ئىشەنچىسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان تور خانىلارنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى يېڭى قارار بىر جەھەتتىن ئاتا- ئانىلارنى خاتىرجەم قىلغاندەك قىلسىمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇ پەقەت قەغەز يۇزىدىكىلا نەرسە بولۇپ، ياش ئۆسمۈرلەر يەنىلا داۋاملىق ئۇنىڭ خىرىدارى بولىدىكەن.

يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار "خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ خىل چەكلەش تۈزۈمى بىر قىسىم جايلاردا بەلكىم ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ قېلىشى مۇمكىن، يەنى مەزكۇر ئۇختۇرۇشتىن كېيىن يوشۇرۇن ھالدا ئېچىلىدىغان يەر ئاستى تور خانىلىرى چوقۇم باش كۆتىرىدۇ" دەپ بىلدۈرمەكتە.

مەركىزى ئامېرىكىدىكى ئەركىن تور بېتى مەسئۇلى شابېر ئەپەندى "خىتاي دۇنيا بۇيىچە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي قورقىدىغىنى ئۇچۇرلارنىڭ ئەركىن تارقىلىشىدۇر. ئىنتېرنېت تور خانىلىرى بولسا كىشىلەرگە بۇ ھەقتە كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۆيىدە كومپىيوتۇرى بولمىغان كىرىمى تۆۋەن كىشىلەرمۇ تورخانىلار ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايدۇ ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە باغلىيالايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور خانىلارنى چەكلەشتىكى ئەڭ ئاساسى مەقسىدى دەل مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىش" دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.