خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى ماي بايرىمىدا نۇرغۇنلىغان تور بەتلىرىنى تاقىۋەتتى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 1 ‏- مايدىن باشلاپ، تا بايراملىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقىچە، خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان تور بەتلەر تاقىۋېتىلگەن.

تاقىۋېتىلگەن تور بەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ئائىت تور بەتلەر ئىكەن. ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق بولۇشى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ يېقىندا ئىنتېرنېت تور بەتلىرى ھەققىدە قىلغان سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىدىن كېيىن تاقىلىۋاتقان تور بەتلەر

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى ئەمگەكچىلەر بايرىمى جەريانىدا " رەتكە سېلىش " دېگەن باھانە بىلەن، كۆپ ساندىكى تور بەتلەرنى تاقىۋەتكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ " يەننەن" ناملىق داڭلىق ئىلمىي تەتقىقات تور بېتىمۇ تاقىۋىتىلگەن.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، " يەننەن " ناملىق بۇ تور بەت بۇندىن 5 يىل ئىلگىرى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ئائىت مەزمۇنلارنىڭ يېزىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن، كېيىن مەزكۇر تور، باشقا ئىسىم بىلەن يەنە قايتىلاپ ئېچىلغان. لېكىن بۇ يىل 1 ‏- ماي بايرام مەزگىلىدە،مەزكۇر تور بەت ھېچقانداق ئۇقتۇرۇشسىز، يەنە بىر قېتىم توختىتىلىپ قويۇلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تور بەتنىڭ مەسئۇلى گۇ چۈنخۇ ھەقىقىي سەۋەبنى دېيىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ھالدا، " تور بەتنىڭ توختاپ قېلىشى مۇلازىمەت ئەسۋابلىرىدىن چاتاق چىققانلىقتىن بولدى. قاچان ئەسلىگە كېلىشى ئېنىق ئەمەس، ئىشقىلىپ ئالدىراش ياساۋاتىمىز"دەپ بىلدۈردى.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەزكۇر تور بېتىگە ئوخشاش، بۇ قېتىمقى بايرام مەزگىلىدە، خىتايدىكى نۇرغۇن توربەتلەر " ياساش، رەتكە سېلىش" قاتارلىق باھانىلەر بىلەن ئارقا -ئارقىدىن توختىتىۋېتىلگەن. توختىتىۋېتىلگەن تور بەتلەر پەقەت سىياسىي خاراكتېرلىك تور بەتلەرلا بولۇپ قالماستىن، بىر قىسىملىرى ھۆكۈمەتكە ئائىت مۇنازىرە مەيدانلىرى ۋە تۇرمۇشقا ئائىت سۇئال-جاۋاب تور بەتلىرى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شاڭخەيدىكى ۋېنگۇئاڭ ئاخبارات گۇرۇھى تور بېتىنىڭ مۇنازىرە مەيدانى، جۇڭگو خەت-چەك تېخنىكا مۇنازىرە مەيدانى، ۋۇ جياڭشىن ئۇچۇر تور بېتى قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق توربەتنىڭ ھەممىسى دىگىدەك بايرام جەريانىدا پۈتۈنلەي تاقالغان.

خىتاي، تور بەتلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خۇ بېيدىكى كىشىلىك ھوقۇق خادىمى دۇ داۋ بىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قېتىم بايرام پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، تور بەتلەرگە بولغان كونتروللۇقىنى تېخىمۇ بەك كۈچەيتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ قېتىم ئۆزى قۇرۇپ چىققان " ھوقۇقسىزلار مۇنازىرە مەيدانى"نىڭمۇ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

" مېنىڭ بۇ تور بېتىم بۇ قېتىمقى بايرام مەزگىلىدە بەكمۇ زور چەكلىمىگە ئۇچرىدى، بىز ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ باقتۇق، لېكىن ئۇنىڭغا كىرىش مۇمكىنچىلىكى پەقەت بولمىدى. ھازىر بولسا، مەزكۇر تۇر بەتنى مەنلا ئاچالايمەن، مەندىن باشقا تورداشلار يەنىلا كىرەلمەيۋاتىدۇ. زادى نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس. مېنىڭ پەرىزىمچە، بۇنداق بولۇشى ئىنتېرنېت ساقچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى بايرام مەزگىلىدە، ئۇلارمۇ چوقۇم دەپ ئېلىشى كېرەك، بەلكىم نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ساقچىلار سانى يېتىشمىگەنلىكتىن تېخىمۇ قاتتىق چارە قوللىنىپ، تور بەتلەرنى بىراقلا تاقىۋەتكەن گەپ. چۈنكى ئەگەر ئۇلار بۇنداق قىلمايدىكەن، ۋاقتى كەلگەندە بىرەر مەسىلە چىقسا، ئۇلار چوڭ بالاغا قىلىپ، خىزمىتىدىن ۋە ئەمەلىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ئېنىق."

ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن، تەنقىدىي پىكىرلەرنى پۈتۈنلەي توسۇش

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئەسلىدە بۇ يىل 4 ‏- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپلا، بىر قىسىم تور بەتلەر ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلۇپ، قاچان قايتا ئېچىلىشى مەلۇم قىلىنمىغان. ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان، بىر قىسىم تور بەتلەرنىڭ ئارقا ‏- ئارقىدىن تاقىۋېتىلىشى يېڭى تۈردىكى توربەت كونترول قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭدىكى بىر ئۆكتىچى خىتاي، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا، تور بەتلەرنى باشقۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس سىياسىي بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: "يېقىندا، خۇ جىنتاۋ سىياسىي كېڭەشتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا، مەملىكەت ئىچىدىكى تور بەتلەرنى كونترول قىلىشتا قانداق چارا -تەدبىرلەرنى قوللىنىش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلغان. دېمەك بۇ قېتىم بىر قىسىم تور بەتلەرنىڭ ئارقا ‏- ئارقىدىن تاقىلىپ كېتىشىنى دەل مۇشۇ يىغىننىڭ نەتىجىسى دەپ قارىغىلى بولىدۇ. ھازىر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك كونترول دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە. چۈنكى ھۆكۈمەت ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، بارلىق تور بەتلەرنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ھەمدە تاشقى دۇنيانىڭ تەنقىدىي پىكىرلىرىنى پۈتۈنلەي توسۇشقا ئۇرۇنغان."

خىتاي دائىرىلىرى 1 ‏- ماي بايرام مەزگىلىدە كەينى ‏- كەينىدىن تاقىۋەتكەن تور بەتلىرىنىڭ بىر قىسىملىرى تا ھازىرغىچە ئېچىلمىغان. بەزى تور بەتلەرنىڭ مۇنازىرە مەيدانلىرىدا " مەزكۇر مۇنازىرە مەيدانىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن، يامان غەرەزلىك نەرسىلەرنىڭ چاپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 7 ‏- مايدىن باشلاپ، يېڭى تۈردىكى تەكشۈرۈش تەدبىرىنى قوللانماقچى. شۇڭا تورداشلارغا ۋاقتىنچە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدىغان بولدۇق" دېگەن مەزمۇنلاردا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان. (مېھرىبان)