ئامېرىكىدا لايىھىلىنىۋاتقان "پۈتۈن يەر شارىدا ئىنتېرنېت پىكىر ئەركىنلىكى قانۇنى" خەلقئارادا قوللاشقا ئېرىشتى


2006-07-19
Share

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ئامېرىكىنىڭ نيۇجېرسى شتاتىدىكى جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس ئەپەندىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان "پۈتۈن يەر شارىدا ئىنتېرنېت پىكىر ئەركىنلىكى قانۇنى" ھازىر لايىھىلىنىۋاتىدۇ. بۇ قانۇن ھازىر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندا، چېگرىسىز مۇخبىرلار ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، خىتاي ئۇچۇر مەركىزى، لاۋگەي فوند جەمئىيىتى، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قاتارلىق 14 خەلقئارالىق تەشكىلات ئۇنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغان ۋە باياناتلىرىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن بۇ قانۇن لايىھىسىنى تىز ماقۇللاشنى تەلەپ قىلغان.

قوللاشقا ئېرىشكەن لايىھە

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، "پۈتۈن يەر شارىدا ئىنتېرنېت پىكىر ئەركىنلىكى قانۇنى" دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قانۇن لايىھىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىدىن بولغان ياخۇ، گۇگۇل، مايكرۇسوفت، سىسكو قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشنىمۇ مەقسەت قىلغان. بۇ شىركەتلەر خىتايدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتكە نازارەت قىلىشى، ئوخشىمىغان سىياسىي پىكىردىكى ئەربابلارنى ئاختۇرۇپ تېپىشى، بەزى سەزگۈر ئىبارىلەرنى تور بەتلىرىدىن سۈزۈپ چىقىرىۋېتىشنى قاتارلىق ئۇرۇنۇشلىرى ئۈچۈن تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلاشقان ئىكەن. باش ئورگىنى پارىژدا تۇرىدىغان خەلقئارا ئۇچۇر ئەركىنلىكى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى جۈلىيانى ئامېرىكىدا لايىھىلىنىۋاتقان "پۈتۈن يەر شارىدا ئىنتېرنېت پىكىر ئەركىنلىكى قانۇنى"غا باھا بېرىپ "ئىشىنىمەنكى بۇ قانۇن زامانىمىزدىكى بىر چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ قالىدۇ" دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە لايىھىلىنىۋاتقان "پۈتۈن يەر شارىدا ئىنتېرنېت پىكىر ئەركىنلىكى قانۇنى" نى قىزغىن قوللىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇشى جىددىي داۋام قىلىۋاتىدۇ

رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇشى جىددىي داۋام قىلىۋاتىدۇ. جەمئىيەتتە ئۇنىڭغا قارىتا قارشىلىقىمۇ ناھايىتى كەسكىن ۋە دادىل.

يېقىندا خىتايدا "دېموكراتىك پارتىيىلەر" دەپ ئاتىلىدىغان تەشكىلاتلاردىن "گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى" دېگەن ئورگاننىڭ تور بېتىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى چەكلەيدىغان بەزى مەزمۇنلار پەيدا بولۇپ قالغان ئىكەن. ھۆكۈمەت بۇنىڭغا تەدبىر قوللۇنۇپ فۇجەندىكى بىر تور بېتىنى تارقىتىۋەتكەن. فۇجەندە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن تور بېتىنىڭ خىزمەتچىسى مۇخبىرىمىزغا ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى گومىنداڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە توساتتىنلا "گومىنداڭ كوممۇنىست پارتىيىنى ھىمايە قىلىدۇ" دېگەندەك ئىبارىلەر پەيدا بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇستەقىل بىر پارتىيە ھېچقاچان باشقا بىر پارتىيىنىڭ كۆز قارىشىنى ھىمايە قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ كىشى شۇ تور بېتىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئۇنىڭغا "ئۈچ يىللىق چوڭ ئاپەت خاتىرىسى"، "سەككىزىنچى ئارمىيىنىڭ پىڭشىنگۇەن ئۇرۇشى ھەققىدە يېزىلغان ساختىلىقلار" دېگەندەك 9 پارچە چوڭ ماقالىنى كىرگۈزۈپ قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى فۇجەندىكى بىر تور بېتىنى ئىزدەپ تېپىپ تاقىۋەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تاقىۋەتكەن فۇجەندىكى بۇ تور بېتى خىزمەتچىسىنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ كىشى گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ تور بەتلىرىگە كىرىپ ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋىتەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنداق قىلماي، پەقەت كوممۇنىست پارتىيىنىڭ كۆز قارىشىغا ئوخشىمايدىغان ماقالىلارنىلا كىرگۈزۈپ قويۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ كىشى ھازىر ئۆزىنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن، ئەمما ئۇ ئۆزىگە خاس ئېتىقات، ئىشەنچ ۋە قابىلىيەت بار ئادەم بولغاچقا، ئۇ ھازىر ئۆزىگە كېلىدىغان خەتەرگە پسەن قىلمايدىكەن. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت