ئىپارخان شۋېتسىيە ئۆسمۈر پۇتبول چولپىنىغا ئايلاندى


2005.10.10
iparxan-sweden.jpg
شۋېتسىيىدىكى ئۆسمۈر پۇتبول چولپىنى ئىپارخان

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تەنتەربىيە ساھەسىدە نۇرغۇن ياش –ئۆسمۈرلەر يېتىشىپ چىقماقتا. ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان ئەنە شۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرى.

ئاتاقلىق پۇتبولچى مۇسا ئىسمايىلنىڭ قىزى 11 ياشلىق ئىپارخان شۋېتسىيىدىكى دۆلەتلىك ئاياللار كوماندىسىغا پۇتبولچى تەربىيىلەيدىغان ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا قاتناشقان ئۈچ يىل ئىچىدە 25 قېتىم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

ئىپارخان 1994-يىلى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2001-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە شۋېتسىيىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ شۋېتسىيىگە كەلگەندىن بۇيان كۆپ قېتىم خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.