ئۇيغۇرلار قەيسىرىدە 800 كىشىلىك ئىپتار زىياپىتى بەردى

0:00 / 0:00

ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تۈركىيىدە رامىزان پائالىيەتلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. خەيرى - ساخاۋەت ۋە بەرىكەت ئېيى دەپ بىلىنىدىغان بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشى بىلەن ئۆز-ئارا ياردەم، دوستلۇق، ھەمكارلىق ئۇلغىيىپ، يېتىم - يېسىر ۋە ئاجىزلار يۆلىنىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا تۈركىيەدىمۇ رامىزان ئېيىغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بۇ ئايدا ھەرقايسى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر، جەمئىيەتلەر ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن زور ئىپتار چېدىرلىرى قۇرۇلۇپ، تۈرلۇك تاماقلار تەييارلىنىپ يۈز مىڭلارچە كىشى بىردەك ئىپتارلىرىنى ئېچىشىدۇ.

مانا بۇ قاتاردا قەيسىردىكى شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ قەيىسىرى ئۆلكە ئوچاقلىرى جەمئىيىتى بىلەن ئورتاقلىشىپ 800 كىشىلىك ئىپتار تامىقى بەردى. بۇ ئىپتار ئۈچۈن مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىشكەن ئۇيغۇر ئاشپەزلەر پولو ئەتىپ، ئىپتار ئەھلىگە سۇندى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ تامىقى بولغان پولو بىلەن ئىپتارلىرىنى ئېچىشقان خەلق ئىنتايىن ھاياجانلاندى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق لەززەتلىك پولو يەپ باقمىغانلىنى دېيىشتى.