مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەردە توختالدى


2005.10.27

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇ ئەنگاڭ يېقىندا، ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدىكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىغا باھا بېرىپ چىققان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئونىنجى 5 يىللىق پىلانى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى، جەمئىيەت ئومۇمىي كاپىتالى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەرەققىياتى روشەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قاتار ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.

ئىقتىسادىي مەسىلە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىگە يەتكەن

مەسىلەن، خىتاي ئىقتىسادى يىرىك ھالدا ئۆسكەن بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئىقتىسادىي ئۆسۈش سۈپىتىمۇ تۆۋەنلەپ ماڭغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئېنېرگىيە ۋە بايلىق مەنبەسىنىڭ كەمچىل بولىشىدىكى زىتلىقلار بىر قەدەر ئۆتكۈر بولۇپ، مۇھىتنى قوغداش جەھەتتىكى بېسىممۇ بارغانسېرى ئاشقان. خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە خىزمەتسىز قېلىش ئەھۋالىمۇ داۋاملىق ناچارلاشقان. شۇنداقلا يەنە، شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىشى، كىرىم بىلەن بايلىقنىڭ باراۋەر بولماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي جەمئىيەت مەسىلىلىرى بولماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر جەمئىيەتتىكى زىتلىقلار تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ، خىتايدا جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. كانادادىكى لاۋال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا ئىنىستىتۇتى پروفېسسورى سۇ جەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كۆپ كارخانىلىق تەرەققىيات شەكلىنىڭ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

"ھازىر خىتايدىكى نۇرغۇن كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئىشچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتى ۋە ئەمگەك ھەققىنى كۈچىنىڭ بېرىچە تۆۋەنلىتىش بەدلىگە قۇرىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئەسلى بىر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا پايدىسىز بىر ئامىلدۇر".

خىتاينىڭ ئونىنجى بەش يىللىق پىلانى مەزگىلى ھەققىدە توختالغان ئەنگلىيە لىۋېرپۇل سودا كومىتېتىدىكى ئىقتىسادشۇناس دوكتور ۋۇ كېگاڭ مۇنداق دېدى:

"نۆۋەتتىكى يىرىك تىپتىكى تەرەققىيات ھازىر خىتايدا، ئېنېرگىيە ۋە ئەركىن ئەمگەك كۈچىنى سېتىش ھەتتا دۆلەتنىڭ بايلىقىنى سېتىش بەدلىگە ئىقتىسادىي ئۆسۈشنى قولغا كەلتۈرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز بولىدۇ" .

ئىقتىسادنى ياخشىلاشقا بېرىلگەن تەكلىپلەر

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى خۇ ئەنگاڭ، كەلگۈسىدىكى ئون بىرىنچى 5 يىللىق پىلانغا تۆۋەندىكى 5 تۈرلۈك تەكلىپنى سۇنغان. ئۇلار بولسا، ئىقتسادىي ئۆسۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تېجەشلىك جەمئىيەت قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سانائەت تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى ئاكتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزگەرتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت تىپتىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىش؛ بۇ ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى نىشان قىلىش؛ جەمئىئىيەتتىكى كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش ۋە شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىش ھەمدە دېموكراتىلىشىش قاتارلىقلار.

دوكتور ۋۇ كېگاڭ، سانائەت تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش بىلەن خىزمەت پۇرسىتىنى ئاشۇرۇش نىشانىغا بىرلا ۋاقىتتا يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"ئەگەر خىتاينىڭ سانائىتى تېز تەرەققىي قىلىشتىن ئاستىلاپ قالسا، ئۇ چاغدا خىزمەت پۇرسىتىنىڭ ئېشىشى بۇرۇنقىدەك تېز بولىشى ناتايىن بولىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ خىتاينىڭ شەھەرلىشىش جەريانى بۇرۇن ئويلىغاندىكىدەك تېز بولمىدى. شۇڭا خىزمەت پۇرسىتىمۇ ئۇنداق تېز ئاشماسلىقى مۇمكىن".

ۋۇ كېگاڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ فونكىتسىيىسىدىكى ئۆزگىرىش توغرىسىدا توختۇلۇپ، بىر نەچچە يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا خىتاينىڭ ھەر قايسى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى، رەھبەرلا بولۇپ مۇلازىمەت قىلماسلىق ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلاپ، رەھبەرلەر ھەم مۇلازىمەت قىلىدىغان ھەم رەھبەر بولىدىغان ئەھۋالغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، مۇشۇنداق مۇلازىمەت يولىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە مېڭىشقا تېگىشلىك بولغان بىر يول ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئەڭ باي ئۆلكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان خەلق ئىگىلىگى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى غەربتىكى رايونلارغا قارىغاندا 10 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.