خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كېيىنكى ئەۋلادلار بەدەل تۆلەۋاتقان تەرەققىيات
2005.12.07
"يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى" دا خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەققىدىكى بىر ئىلمىي مۇلاھىزە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئىقتىساد يۇقىرى سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقىلى 27 يىل بولدى، بۇ قانداق ھادىسە؟ بۇ جەرياندا تەرەققىياتتىن بەھرىمان بولۇۋاتقان كىشىلەر خىتايدا دېموكراتىك تۈزۈم تىكلەشنى رەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەنە نېمە ئۈچۈن ؟
كاپىتالىزممۇ ئەمەس، سوتسىيالىزىممۇ ئەمەس
مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ بىر غەلىتە ھادىسە. ئەمما ھازىر بىر قىسىم سىياسەتچىلەر ۋە ئىقتىسادشۇناسلار بۇ غەلىتە ھادىسىنى دۇنيا سەھنىسىگە كۆتۈرۈپ چىقىپ ماختىنىۋاتىدۇ. بەزىلەر ھەتتا خىتاي ئىقتىسادشۇناسلىرى ئىقتىسادنى تىز تەرەققى قىلدۇرىدىغان بىر يېڭى يول تاپتى، بۇ يول كاپىتالىزممۇ ئەمەس، سوتسىيالىزىممۇ ئەمەس، ھېچكىم ھەل قىلالمىغان مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان يول، بۇنىڭ بىلەن نوبېل مۇكاپاتى ئېلىشى كېرەك، دەپ چوقان سالغان.
ئەمەلىيەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان بۇنداق تىز سۈرئەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ماختانغۇچىلار تەسۋىرلىگەندەك ئۇنداق گۈزەل تەرەققىيات ئەمەس. ئەگەر نوپۇس بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ھازىرقى ئۆسۈۋاتقان نىسبىتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، بۇنداق تەرەققىيات يەنە پەقەت بىر قانچە يىللا داۋام قىلالىشى مۇمكىن. ئىقتىسادىي ئاتالغۇ بىلەن ئېيتقاندا، بۇ قانداق ھادىسە؟ قانداق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مودېلى؟ توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇ "تەرەققىيات" ھازىرقى بىر ئەۋلاد ئادەم ئىچىدىكى ئاز سانلىق كىشىلەر كېيىنكى بىر نەچچە ئەۋلاد ئادەمگە بەدەل تۆلىگۈزۈپ توپلىغان بايلىقتىن ئىبارەت.
تەرەققىياتتىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلار ئازلا بىر قىسىم كىشىلەر
ئىقتىسادشۇناسلىق دېگەن چەكلىك بايلىق مەنبەلىرىنى قانداق شەكىلدە مۇۋاپىق تەقسىم قىلىشنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. خىتايدىكى ھازىرقى تىز سۈرئەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇشۇ پەن بويىچە چۈشەندۈرىدىغان بولساق، - دەيدۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى، ھازىر ئەنگىلىيىدە تۇرىۋاتقان ئىقتىسادشۇناس خۇ شاۋجاڭ ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە، ـ توغرىسىنى ئېيتقاندا، خىتايدىكى ھازىرقى تىز سۈرئەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات "ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش" دېگەن ھەرىكەت باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئىككى ئەۋلاد ئادەم تارتقان زۇلۇم ۋە كۈلپەتنىڭ بەدىلىگە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئەۋلاد ئادەمنىڭ مەنپەئەتىنى تالان - تاراج قىلىش بەدىلىگە كەلگەن تەرەققىيات.
تېخىمۇ تەپسىلىي كۆزەتكەندە، ھازىر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى يېزا ئاھالىلىرىنىڭكىدىن 6 ھەسسە ئارتۇق، بۇ شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقى؛ غەرب تەرەپتىكى ئاھالىلارنىڭ كىرىمى شەرق تەرەپتىكى ئاھالىلارنىڭ كىرىمىنىڭ 3 تىن بىرىگە تەڭ، بۇ شەرقتىكى رايونلار بىلەن غەربتىكى رايونلارنىڭ پەرقى؛ پۈتۈن نوپۇسىنىڭ 20% نى تەشكىل قىلىدىغان ئادەمنىڭ بانكىغا قويغان ئامانەت پۇلىنىڭ سانى، 85% نى تەشكىل قىلىدىغان ئادەمنىڭ بانكىغا قويغان ئامانەت پۇلىغا تەڭ، بۇ نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى. بۇ پەرقلەر خىتايدا بايلىقلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى نامۇۋاپىق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن بەھرىمان بولۇۋاتقان بۇ بىر ئەۋلاد ئادەم ئۆزى ھېچنېمىنى ئىجاد قىلمىدى ياكى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مەنپەئەتلىك ياخشى ئىجتىمائىي تۈزۈم بەرپا قىلىش بىلەن شۇغۇللانمىدى، بەلكى كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە ئەۋلاد ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورمانلارنى كېسىپ، كەلگۈسىدە يېقىلغۇ قىلىنىدىغان كۆمۈرلەرنى قېزىپ، نېفتلىكلەرنى ئېچىپ، ئۇنى ھازىر ئۆزلىرىگە بايلىق توپلاشقا ئىشلەتتى. ئەۋلادلارنىڭ نېسىۋىسىنى ئىگىلىۋالدىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادلارنى چەكسىز بالايى - ئاپەتكە يۈزلەندۈرۈپ قويدى. مۇشۇنداق تەرەققىياتتىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلار پەقەت مۇشۇ بىر ئەۋلاد ئادەم ئىچىدىكى مۇستەبىتلىككە تايىنىدىغان ئاز سانلىق كىشىلەر.
مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت؟
"شىنخۇئا تورى"دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى فرانسىيىدە چىقىدىغان "فىگارو" گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنى قوبۇل قىلغاندا، پۇقرالىرى ناھەق ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىپ ئېتىپ تاشلىنىۋاتقان، پۇقرالىرى تۈرمىلەردە، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىدا ئۆلۈۋاتقان، پۇقرالىرى ئەيدىز كېسىلىگە، پارازىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈۋاتقان، پۇقرالىرى زەھەرلەنگەن سۇنى، زەھەرلەنگەن سۈتنى ئىچىپ ئۆلۈۋاتقان، پۇقرالىرى قوغۇشۇن، فىتورلاردا زەھەرلىنىپ ئۆلۈۋاتقان، مەكتەپلەرگە ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتىنى "مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت" دەپ ماختىغان.
شۇنداقلا يەنە "ئامېرىكىدا 1863 - يىلىدىكى ئازادلىق خىتاپنامىسىدىن كېيىن 100 يىلدا ئاندىن دېموكراتىيە تىكلىنىپ بولدى. خىتايدەك 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار دۆلەتتە دېموكراتىيە قۇرۇشقا يەنە كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ" دېگەن. دېمەك ھازىرقى تەرەققىياتتىن بەھرىمان بولىۋاتقان خىتاي رەھبەرلىرى بايلىقلارنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىش ئەمەلگە ئاشىدىغان دېموكراتىك تۈزۈم تىكلەشنى خالىمايدۇ. ۋېن جاباۋنىڭ دېموكراتىك قۇرۇلۇشنى نوپۇس سانىنى 100 يىلغا كۆپەيتىپ ھېسابلايدىغان ئۇسۇلى بىلەن ھېسابلىغاندا، خىتايدا دېموكراتىك تۈزۈم يەنە 464 يىلدىن كېيىن ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى
- ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى خىتايغا قاراتقان سىياسەتنى تەڭشەشكە چاقىردى
- مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەردە توختالدى
- خىتاينىڭ كانادا ئىگىدارچىلىقىدىكى قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىشى توختىتىلدى
- خىتاينىڭ كۆزى قازاقىستاندا