خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى
2005.12.09
9 - دېكابىر كۈنى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ھوقۇق - مەنپەئىتى قوغداش تەشكىلاتى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ كەڭ ئىشچى- دېھقانلارنىڭ مەنپئەتىنىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى يەنى خىتاي ئىقتىسادى تەرەققى قىلىش جەريانىدا، مىليارد كىشىلەرنىڭ ئىشسىز قېلىۋاتقانلىقى، ئىش ھەققىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى تۆۋەن بولۇپ، ئىشچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئوچۇق - ئاشكارە ئېكىسپلاتاتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقى بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ ئىشچىلار ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدە شۇۋارلار توۋلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
باي كەمبەغەللىك پەرقى چوڭايغان
خەلقئارا ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېكىسپورت مىقدارىمۇ شىددەتلىك ھالدا كۆپەيگەن. لېكىن بۇ خىل ئەھۋال خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىمۇ بارغانسېرى چوڭايغان. شۇڭا ھازىر خىتايدا، ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بېيىپ كېتىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك كىرىمى ئىككى ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ يەتمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان.
خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ھوقۇق - مەنپەتىنى قوغداش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا، نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرى ناچار ئىشلەش مۇھىتى تۈپەيلىدىن تەنقىت قىلىنىپ : " خىتايدىكى ئىشچىلار ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ مائاشى ھەدىدىن تاشقىرى تۆۋەن، ئىشلەش مۇھىتى ئىنتايىن ناچار ھەمدە بىخەتەرلىك كاپالەتلىككىمۇ ئىگە بولالمىغان. شۇڭا ھەر يىلى خىتايدا ئاز دېگەندە 15 مىڭ ئادەم ئىش ئۈستىدە يۈزبەرگەن ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن ئۆلمەكتە. كۆمۈركان ۋەقەلىرى بولسا تېخىمۇ كۆپ يۈزبەرمەكتە" دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى نەتىجىلەر خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلگەن
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىلىرى ھەقىقەتەن كەڭ ئىشچى- دېھقانلارنىڭ مەنپئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ خىتايدىكى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق ئانالىز قىلدى:
" ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىنى خىتايدىن باشقا يەنە ھىندونېزىيە، ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن خىتايدىكى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى باشقا جايلارغا سېلىشتۇرۇلغاندا پەرقلىق بولۇپ، ئۇ، پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ كونترولى ئاستىدا بولغان. چەتئەل كارخانىچىلىرى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە بارغاندا شۇ يەرنىڭ قانۇنىقا بويسۇنۇش ئاساسىدا، شەخسى كارخانىچىلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. لېكىن ئۇلار خىتايغا بارغىنىغا، ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىش شەرت بولۇپ، خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچقانداق بىر شىركەت ياكى شەخس چەتئەل كارخانىچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا بولمايدۇ. چۈنكى خىتاي خەلقنىڭ بارلىق تۇرمۇش مەبلىغى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھۆكۈمەت ھەر زامان ئۆزىگە كېلىدىغان پايدىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ، مۇھىتنىڭ بۇلغۇنۇپ كېتىشى ۋە ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. مەسىلەن خىتايدا مۇھىتنى زور دەرىجىدە بۇلغايدىغان ۋە سالامەتلىككە ئىنتايىن زور زىيان ئېلىپ كېلىدىغان رېزىنكە سانائىتى ۋە ئېلىكترونلۇق سانائىتى قاتارلىقلار باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا بەكمۇ تەرەققىي قىلغان. بۇنداق بولۇشىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىدىن باشقا ھېچنېمىنى ئويلىمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن خىتاي چەتئەل كارخانىچىلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ مەبلەغ سالىدىغان ئۇزۇنىغا ئايلانغان، خىتاي ئىشچىلىرى بولسا، ئازغىنە پۇل ئۈچۈن، خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان".
خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ھوقۇق - مەنپەتىنى قوغداش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. خوڭكۇڭدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى لې جورىن "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشچىلارنى باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشى ئاخىرىغا بېرىپ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ چاغدا ئىشچىلار مەسىلىسى خۇددى ئاتوم بومبىسىغا ئوخشاش پارتىلاپ، خىتاينى بومباردىمان قىلىدۇ" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كېيىنكى ئەۋلادلار بەدەل تۆلەۋاتقان تەرەققىيات
- رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى
- ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى خىتايغا قاراتقان سىياسەتنى تەڭشەشكە چاقىردى
- مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەردە توختالدى
- خىتاينىڭ كانادا ئىگىدارچىلىقىدىكى قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىشى توختىتىلدى