
دېڭ شياۋپىڭ 70- يىللارنىڭ ئاخىرىدا خىتايدا ئىقتىسادىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن، بۇ خىتاي ئىقتىسادىنى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلەتكەن ئىدى. نۇرغۇن سىياسىي ئانالىزچىلار ئەينى چاغدا بۇنىڭغا ئەگىشىپلا خىتايدا سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى.
خىتايدىكى ئەھۋال پەرەز قىلىنغاندەك بولمىدى
نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكولتىتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور برۇس مەسكىتا، نۇرغۇن ئانالىزچىلارنىڭ "ئىقتىسادىي ئىلگىرلەش مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن كاپىتالىزىمنىڭ ئوتتۇرا قاتلام سىنىپىنى شەكىللەندۈرىدۇ" دەپ قارىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدىكى ئەھۋالنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇلار پەرەز قىلغاندەك بولمىغانلىقىنى ئېيتتى:
" دېڭ شياۋپىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى جاكارلىغان ۋاقىتتا، غەرب ئەللىرى ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا خىتاينىڭ پات ئارىدا ھەتتا بۇرۇنقىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى. لېكىن خىتاي ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان 27 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى".
پروفېسسور مەسكىتا يەنە، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دېكتاتور ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىقىتسادىي تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن ياخشىلىقلاردىن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىگە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن كېلىۋاتقان بېسىملارغا تاقابىل تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:
"نۇرغۇن دېكتاتورلار، پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ روشەنلىك دەرىجىسىنىڭ يوقىرى بولۇشى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى بولۇشىنىڭ ئۆزلىرىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئەركىنلىك ھوقۇقىنى باستۇرىدۇ. ئۇلار يەنە كىشىلەرنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولغاندىكىنلا ھۆكۈمەتنى ئالدىراپ تەختتىن چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنمايدۇ دەپ قارايدۇ".
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە چەتئەل مەبلىغى سەۋەب بولغان
نۇرغۇن دېكتاتورلار، پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ روشەنلىك دەرىجىسىنىڭ يوقىرى بولۇشى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى بولۇشىنىڭ ئۆزلىرىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئەركىنلىك ھوقۇقىنى باستۇرىدۇ.
ھازىرقى مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھازىر ئامېرىكىدىن قالسا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ھېسابلىنىدىكەن. شۇنداقلا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇنداق كۈچىيىپ كېتىشىگە ئاساسلىقى چەتئەل مەبلىغى سەۋەب بولغان ئىكەن. بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشى بىلەن، خىتاي ھازىر "دۇنيا زاۋۇتى" دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ قالدى. 2005- يىلى بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا خىتايدا ئېچىلغان چەتئەل كارخانىلىرى 44 مىڭدىن ئاشقان ھەمدە ئۇلارنىڭ ياراتقان قىممىتى 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
خىتاي يەنە چەتئەللەر ئالاقە قىلىدىغان چوڭ تېخنىكا بازىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا خىتايدا ئىنتېرنېتكە چىققۇچىلارنىڭ سانىمۇ 110 مىليوندىن ئاشقان. ئەلبەتتە خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، ئىنتېرنېتتىن ئېغىز ئاچماي بولمايدۇ. خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىشى ۋە ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇمىلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئاخبارات ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشىمۇ تېزلەشكەن. بىراق بۇنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىغان خىتاي، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقىنى چەكلەشكە ۋە ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىشقا تىرىشماقتا. بۇنى خىتايدىكى سۆز ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەرغىپ قىلىدىغان شەخسلەر ئەيىبلەپلا قالماي، خەلقئارا جەمئىيىتىمۇ خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
نۇرغۇن ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ھازىر، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھوقۇقىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دېموكراتىك ئىسلاھاتنى تەلەپ قىلىش بېسىمىمۇ خىتايدا بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. دەپ ئانالىز قىلماقتا
خىتاي كۈچلۈك بىر ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ
ئامېرىكىدىكى كارنىگې خەلقئارا تىنچلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى پېي مىڭشىن، خىتاينىڭ نۆۋەتتە كۈچلۈك بىر ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى:
"خىتايدىكى ئىقتىساتنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ھازىر ئىككى خىل ئەھۋالنى شەكىللەندۈرىۋاتىدۇ. بىرى، ئېغىر جەمئىيەت بېسىمى ۋە مۇقىمسىزلىق، ئىسلاھاتقا بولغان ئېھتىياجنى شەكىللەندۈردى. يەنە بىرى، ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەش ياخشى بىر شارائىتنى يارىتىۋاتىدۇ. مەسىلەن، خىتايدا ھازىر ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە، خۇسۇسىي مۈلۈك قاتارلىقلار شەكىللىنىۋاتىدۇ".
پېي مىڭشىن سۆزىدە يەنە، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتايدىكى كونتروللۇقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ "چەتئەل شىركەتلىرى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىگىدىكى كارخانىلىرى بىلەن رىقابەتلەشسە، بۇ دېگەنلىك ئۇلار دۆلەت ئىگىلىگىدىكى كارخانىلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋاتىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، بۇ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىقتىساتقا بولغان كونتروللۇقىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرىدۇ" دەپ بىلدۈردى.
نۆۋەتتە يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار يەنىلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرى دېموكراتىيىنى تاللاشتىن باشقا ئامالىنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلەيدۇ. (پەرىدە)