خىتاي ھۆكۈمىتى "11- بەش يىللىق پىلان" دا ئۇيغۇر ئېلىنى يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېچىشنى پىلانلىماقتا


2005.12.21

21- دېكابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئىگە بولۇشىمىزچە، ئۈرۈمچىدە ئۈچ كۈندىن بۇيان داۋاملاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادى خىزمەت يىغىنى 20 - دېكابىر يېپىلغان. مەزكۇر يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان 10 - بەش يىللىق پىلانىنىڭ نەتىجىلىرى يەكۈنلىنىپ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 11 - بەش يىللىق پىلان خىزمەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ماختىنىشلىرى

10- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى " تارىخىي ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى ئېچىشنى كۈچەيتىش" دېگەن شوئار ئاستىدا سىياسەت يۈرگۈزگەن ئىدى.

يىغىندا ئاپتونۇم رايون پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن، 10 - بەش يىللىق پىلاننىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، بازار ئىگىلىكى، دېھقانچىلىق، تاشقى پېرېۋوت، خەلقنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى قاتارلىق ھەر جەھەتتىكى ئىقتىسادىدا ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى قىممەت يارىتىلغانلىقى، تەرەققىياتلارنىڭ زور بولغانلىقى قاتارلىقلارنى يەكۈنلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدە نۇقتىلىق نامرات جايلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭمۇ بۇ يىل 1500 سومدىن ئاشقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مەزكۇر يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايون رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، 10-بەش يىللىق پىلان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى سىياسىي ۋەزىيىتى ئەڭ ئەۋزەل شارائىتتا ئېلىپ بېرىلدى، شۇڭا ئەڭ زور نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى،دېدى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادى خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ 11 - بەش يىللىق پىلان خىزمىتىدە ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىمىز، شارائىت ئەۋزەللىكىمىزدىن پايدىلىنىپ ئېچىش بىلەن مەبلەغ يېتىشمەسلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىدىيىنى ئازات قىلىپ، مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا يول ئېچىپ، بازارنى قويۇپ بېرىمىز " دەپ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 11 - بەش يىللىق پىلان خىزمەتلىرى ھەققىدىكى يوليورۇقىنى يەتكۈزگەن.

دېھقانلارنىڭ زارلىرى

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتلىرى ھەققىدە، مەيلى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىدا ياكى ئاخباراتلار ئورگانلىرىغا بەرگەن باياناتلىرىدا بولسۇن ئوخشاش قېلىپتا " ئۇيغۇر ئېلى ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، خەلقنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇشىدا ئاسمان‏- زىمىن پەرقلەر بارلىققا كەلدى " دېگەندەك بايانلارنى بېرىپ كەلمەكتە.

گەرچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرى كۆپلەپ ئېچىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى كۈنسايىن ئېشىپ، ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا ھەقىقەتەن يۇقىرى سانلىق مەلۇماتلار كۆرۈنگەن بولسىمۇ بىراق يەرلىك خەلقتىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئاتالمىش بۇ تەرەققىياتلار يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىگە ھېچقانچە مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمىگەن.

ئىسمائىل تىلىۋالدى 11 - بەش يىللىق پىلان خىزمىتى ھەققىدە توختالغاندا يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى داۋاملىق ئېچىشنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ " يەنە داۋاملىق ھالدا غەربنىڭ بايلىقىنى شەرقتە پىششىقلاپ ئىشلەش، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" كە ئوخشاش سىياسىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز" دەپ سۆز قىلغان. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.