تېھران ب د ت نىڭ قارارىنى مەڭسىتمىگەندىن كېيىن خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە


2007.02.23

iran-nuke.jpg
ئىراننىڭ سابىق پرېزىدېنتى رافسانجانى (تۆۋەنكى رەت ئوڭدا)، پارلامېنت سۆزچىسى ھاددادادېل (سولدىن ئىككىنچى) پرېزىدېنت ئەخمەدىنىجات (سولدىم ئۈچۈنچى) 20 – فېۋرال كۈنى تېھراندىكى بىر يىغىندا). AFP

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چەينى 2 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلغاندا خىتايغا قارىتا كۈچلۈك بىشارەت بەرگەن. ئۇ سېدنىدا قىلغان سۆزىدە كەسكىن تەلەپپۇز بىلەن، خىتاينىڭ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' نىشانى ئۇنىڭ ئەمەلىي ھەربىي پائالىيەتلىرى بىلەن قارىمۇ قارشى، دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاينىڭ ب د ت دىكى مۇنازىرىلەردە ئىراننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ھاۋا قىسىملىرىنىڭ بىر گېنېرالى ئامېرىكا ھاۋا قىسىملىرى تەھدىتكە قارشى ئىنكاس قايتۇرىدىغان نىشان خىتاي بىلەن ئىران دەپ بايان قىلغان. بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

خىتاينىڭ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' نىشانى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەربىي پائالىيەتلىرى بىلەن قارىمۇ-قارشى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سېدنىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چەينى 2 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلغاندا، خىتايغا قارىتا كۈچلۈك بىشارەت بەرگەن. ئۇ سېدنىدا قىلغان سۆزىدە، كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە، خىتاي پەۋقۇلئاددە رول ئوينىدى، كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى ئۆزىگە تەھدىت بولۇدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، شۇنداقلا، مەيلى شەرقىي ئاسىيادا بولسۇن ياكى ئوتتۇرا شەرقتە بولسۇن، ھاياتلىقنى قىرىدىغان تېخنىكىلارنى قوللىنىشتىن ۋە ئۇنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش جەھەتتە بىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ، ‏- دەيدۇ دىك چەينى سۆزىدە كەسلىكن تەلەپپۇز بىلەن، ‏-‏ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرى ۋە ئۆتكەن ئايدا سۈنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى، ھەربىي راسخوتىنى ھەدەپ كۆپەيتىپ ھەربىي كۈچىنى توختىماي ئاشۇرىۋاتقانلىقى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىچە، خىتاينىڭ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' نىشانى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەربىي پائالىيەتلىرى بىلەن قارىمۇ-قارشى. 20 يىلدىن بۇيان دۇنيادا، ئالەم بوشلۇقىدا قورال سىناق قىلىش يۈز بەرمىگەن ئىدى. بۇنداق قورالنى خىتاي سىناق قىلدى. ئۇ ھازىر دۇنيا بۇيىچە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىدىن قالسا، ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھلارنى پاچاقلىيالايدىغان ئۈچىنچى دۆلەت بولۇپ چىققاندىن كېيىن، ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھلار خىتاينىڭ نامەلۇم مەقسەتلىرى يۇشۇرۇنغان تەھدىتى ئاستىدا قېلىۋاتىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى دىك چەينىنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرغاندا ب د ت دىكى مۇنازىرىلەردە ئىراننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خەلئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئاگېنتلىقىنىڭ ب د ت غا يوللىغان دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىران ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بەلگىلىگەن ۋاقىت چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇران تاۋلاش پىلانىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، رۇسىيە ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىرادىسىگە قارشى ھالدا، گەرچە ئىران بىلەن بولغان قورال سودىسىنى تىزگىىنلەشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭ ئەكسىچە، ئىراننى ئەمدى تېخىمۇ قوللاشقا باشلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇخبىرلار خىتاي دائىرىلىرىدىن دىك چەينىنىڭ سۆزى ھەققىدە سورىغاندا، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىن ئۆزىنىڭ ئىراندىكى دوستى، ئىراننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى مانۇچىر موتتاكىغا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ ب د ت دىكى مۇنازىرىلەردە 'مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىش كېرەك' دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ، دېگەن.

ئامېرىكا ھاۋا قىسىملىرى تەھدىتكە قارشى ئىنكاس قايتۇرىدىغان كەلگۈسى نىشان خىتاي بىلەن ئىران

ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'دۆلەت مۇداپىئە ھەپتىلىك گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھاۋا قىسىملىرىنىڭ شىتاب باشلىقى گېنېرال مايكىل موسلېي ئەپەندى ئامېرىكا ھاۋا قىسىملىرى دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتلەر ھەققىدە سۆزلىگەن ، ئامېرىكا يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئاۋغانىستان ۋە ئىراققا مەركەزلىشىپ قېلىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى يۇشۇرۇن رىقابەتلەرگە سەل قارىدى. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا رىقابەت قىلغان دۆلەت پەقەت ئاۋغانىستان بىلەن ئىراقلا ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ مەمۇرى ۋە قانۇن ئورگانلىرى كەڭ دائىرىگە نەزەر سېلىشى كېرەك، ‏- دەيدۇ گېنېرال موسلېي،‏ بەلكى ئۇ ئىران بىلەن خىتاينى كۆرسىتىپ، ‏-‏ ئەمەلىيەتنى كۆرگەندە، ئامېرىكا ھاۋا قىسىملىرى تەھدىتكە قارشى ئىنكاس قايتۇرىدىغان كەلگۈسى نىشان خىتاي بىلەن ئىران. ئەگەر ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىنسا، ئۇنىڭ ھەربىي ئەسلىھە تەمىنات سېپىمۇ ئامېرىكا ھاۋا قىسىملىرى پاچاقلايدىغان نىشان. ھازىر قىسىملىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى تېخىمۇ يېڭىلاشقا مۇھتاج، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئېھتىياجى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.