ئامېرىكا ئىراننىڭ خەلقئارادا يالغۇز قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئاگاھلاندۇردى
2005.08.11
ئىران ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى خەلقئارا جامائەتنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن ۋە ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيىلەر بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى بۇزۇپ، ئىسفاخاندىكى يادرو ئېنېرگىيە زاۋۇتىنىڭ ئۇراننى قۇيۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇنداقلا ب د ت نىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى پېچەتلىۋەتكەن يادرو ئەسلىھەلەرنى قايتا قوزغاتقان. ئامېرىكا دائىرىلىرى ئىراننىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا، نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ بارغانسېرى بىر پىكىرگە كېلىپ، ئىراننىڭ بۇ قارارىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىراننىڭ ئىغۋاگەرلىك ھەرىكىتى
بىز داۋاملىق يەنە، بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 3 دۆلەت ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىغا تەۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىمىز. شۇنداقلا بىز يەنە، ئىرانغا كەسكىن بىر ئۇچۇر بېرىمىز. ئۇ بولسىمۇ، ئىران چوقۇم ئۇران قويۇلدۇرۇش خىزمىتىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك ھەمدە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يادرو پروگراممىسىغا ئالاقىدار تېخىچە ھەل بولمىغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىغۋاگەرلىكىنى ئۆتكەن ھەپتىلا باشلىغانلىقىنى، ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلىپ چىقارغان تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ تەكلىپىدە، ئەگەر ئىران ھۆكۈمىتى يادرو پروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى توختاتسىلا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا سودا ۋە باشقا نۇرغۇن ساھەلەردە پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان ئىدى. لېكىن ئىران بۇنى قوبۇل قىلمىدى.
ئىران بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى ۋېيېنادا جىددىي يىغىن ئاچتى. نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى 3 دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئىراننى ئەيىبلەيدىغان ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەپتىكى قارارىنى دەرھال ئۆزگەرتىشى تەلەپ قىلىنغان قارار لايىھىسى تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشماقتا.
ئامېرىكا: ئىران ئەمدى ئۆزىنى تېخىمۇ يالغۇز قويىدىغان بولدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادام ئىرەلى ئىراننىڭ ئىسفاخاندىكى ھەرىكىتىنىڭ، ئىراننىڭ خەلقئارا جامائىتىدىن تېخىمۇ يىراقلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بۇ ئىراننىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ يالغۇز قالدۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئورا كولاپ قويدى. بىز داۋاملىق يەنە، بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 3 دۆلەت ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىغا تەۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىمىز. شۇنداقلا بىز يەنە، ئىرانغا كەسكىن بىر ئۇچۇر بېرىمىز. ئۇ بولسىمۇ، ئىران چوقۇم ئۇران قويۇلدۇرۇش خىزمىتىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك ھەمدە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يادرو پروگراممىسىغا ئالاقىدار تېخىچە ھەل بولمىغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك".
35 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى چارشەنبە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋېيېنادىكى بىر رەسمىي يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئادام ئىرەلى نۆۋەتتە ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىكى دېپلوماتلارنىڭ يېپىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئىراننى ئەيىبلەيدىغان قارار ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بۇ ئىدارىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بۈگۈنمۇ رەسمىي بولمىغان سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرغىچە يەنە بىر يىغىلىپ، ئىراننى ئەيىبلەيدىغان قارار چىقىرىش مەسىلىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىدۇ".
ئىراننى ئەيىبلەش قارارى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادام ئىرەلى يەنە، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنى ئىران ھەققىدە قاتتىق تەلەپپۇزدا قارار لايىھىسى چىقىرىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭدا ئىراننىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىشىگە ئاخىرقى چەك قويۇلامدۇ- يوق، بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گەرچە، ئىران ئۆزلىرىنىڭ يادرو پروگراممىسىنىڭ پەقەت يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئوخشاش تىنچ يولدىكى ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جامائىتى بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلدى. شۇنداقلا ئامېرىكا بۇرۇنلا بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىكى باشقا ئەزا دۆلەتلەر بۇنىڭغا قوشۇلماي كەلگەن ئىدى. ئەمما ئانالىزچىلار ھازىر، ئىران دائىرىلىرى ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن ئۇلار پېچەتلىۋەتكەن ئەسلىھەلەرنى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن، مەزكۇر ئىدارىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئەمدى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇشقا مەجبۇر بولۇدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ب د ت يادرو ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىران يادرو مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشمەكچى
- شىمالى كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى ئۇزارتىلدى
- جياۋ گوبياۋ: خىتاي گېنېرالى ئىپادىلىگەن ئىدىيىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئورتاقلىقى بار
- خىتاي گېنېرالى زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكىغا قارشى يادرو قورالى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى
- ئىراننىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى يادرو پروگراممىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
- ئىراننىڭ بۇندىن كېيىنكى تاشقى سىياسىتى قانداق بولىدۇ؟