
ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى غەرب دۆلەتلىرىنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈردى. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىشىنى ھەمدە ئىرانغا قارىتا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىراق مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا قارشى چىققان فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراك ئۆتكەن ھەپتە ھەتتا تېررورچى دۆلەتلەرگە قارشى يادرو قورال ئىشلىتىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەت ئەلبەرەداي، نيۇز ۋىك ژۇرنىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ۋەزىيەت جىددىيلەشسە، ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش مۇمكىن، دېدى
دىپلوماتىك يول ۋە قورال ئىشلىتىش
ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قاراتقان سىياسىتىگە قاتتىق قارشى چىققان گېرمانىيىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى فرانس جوزېف يۇڭ، "بىلت ئام سونتاگ" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئىران يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىشقا تىرىشىش كېرەك، ئەمما بۇ ئىشتا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش مەسىلىسىدىمۇ قاچماسلىق كېرەك، دېدى.
ئىراققا قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئەمدى، ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتكە قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنى قوللاپ- قۇۋەتلىمەكتە. فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئىراننى مەقسەت قىلغان سۆزلىرى، ئىران ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا بۇنداق قاتتىق قارشى تۇرىدۇ؟
سىياسىي مۇلاھىزىچى سپىڭلەرنىڭ يېقىندا ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، ئىراننىڭ يادرو پىلانى ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان نىشانى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا قارشى چىقماقتا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىش، ھەربىي كۈچ ئارقىلىق قوشنا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ تېررىتورىيە ۋە رايوندا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە يادرو قورالغا ئېرىشىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاتنىڭ يېقىندا ئىسرائىلىيىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن يوقىتىش توغرىسىدا ھەمدە ئامېرىكىغا قارشى بەرگەن باياناتلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى باشقا يۆنىلىشكە بۇراش، بولۇپمۇ ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان مەقسەتلىك باياناتلار بولۇشى مۇمكىن.
پرېزىدېنت ئەخمەدىنىجاتنىڭ، ئىراننىڭ يادرو پىلانى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كۆپەيگەن بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن يوقىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى باياناتى، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە، ئەگەر ئىران يادرو قورالغا ئىگە بولسا، قايسى دۆلەتنى نىشانغا ئالىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلمامدۇ؟
لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان باشقا مەقسەتلىرى بار ئىكەن.
ئىراننىڭ مەقسىتى نېمە؟
سىياسىي مۇلاھىزىچى سىپىڭلەرنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتى 20 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي توختايدىكەن. ياشانغان نوپۇسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان ئىراننىڭ دۆلەت مالىيىسى پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشىدىكەن.
بۇنداق بىر ئەھۋالدا ئىراننىڭ كۆزى، ئىران چېگرا بويلىرىدىكى، ئىراق، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان ۋە ئىرانغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي رايوندىكى نېفىت مەنبەلىرىگە چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا، - دەيدۇ سىپىلەر ماقالىسىدە، - ئىراننىڭ قوشنىلىرىنىڭ، ئامېرىكىغا ئوخشاشلا ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى سەۋەبسىز ئەمەس.
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئىران يادرو قورالغا ئىگە بولۇپ قالسا، ئەڭ باشتا زىيانغا ئۇچرايدىغان دۆلەتلەر، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىرلەشمە ئەرەپ خەلىپىلىكى ئىكەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەر قاچان بىر قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن. سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر قالايمىقانچىلىق چىققاندا، ئىران سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي رايونىدىكى ئاھالىنىڭ كۆپچىلىكىنى تەشكىللىگەن شىيە مۇسۇلمانلىرىنى قوللايدۇ.
ئامېرىكا ئاخىرىدا، ھەربىي قىسىملىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىدۇ. ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئىراقتىن ئايرىلغاندا، بۇ دۆلەتتە ئىچكى ئۇرۇش چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر ئەھۋالدا ئىران ھېلىمۇ مەۋجۇت بولغان ئىراقتىكى سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىپ، ھەتتا ئىراقتا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن شىيە مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم بېرىش باھانىسى بىلەن بۇ دۆلەتكە ھەربىي قىسىملىرىنى ئەۋەتىشى مۇمكىن.
ھازىرقى ئەزەربەيجان نەچچە ئەسىر پارس ئىمپىراتورلىقىنىڭ شىمالىي ۋىلايىتى ھېسابلىناتتى. يادرو قورالغا ئىگە بىر ئىران ئەزەربەيجاننىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى زېمىن داۋاسىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراننىڭ يادرو قورالنى قالقان قىلىش ئارقىلىق، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، قوشنا دۆلەتلەردىكى شىيە مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش باھانىسىدا بۇ دۆلەتلەردە قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، رايوندا چوڭ بىر ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچكە ئايلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن، غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئېرىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. (قانات)
