ئىراننىڭ يادرو پىلانى توقۇنۇش گىرداۋىغا ماڭدى
2006.02.17
يېقىندا ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، تارىخىنىڭ ئەڭ كەسكىن دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. يادرو پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىران، بارغانسىرى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىر توقۇنۇش گىرداۋىغا قاراپ يول ئالماقتا.
ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا قارشى تەدبىرلەر
يېقىندا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر قارارىنى ھەتتا يادرو مەسىلسىدە ئىراننى قوللاپ كەلگەن ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ قوللىغان.
خەلقئارا جامائەتنى ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈگەنلىكىگە قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن ئىرانغا قارىتا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. ھەتتا بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقى ئاللىقاچان ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋە ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو مەركىزىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئۈچۈن پىلانلار تەييارلاپ بولغان.
ۋەزىيەت مۇشۇنداق جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن چوڭ بىر نېفىت ۋە تەبئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن تەييارلانماقتا. ئامېرىكا بىر لەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىراننىڭ ياداۋەران نېفىت مەيدانىنى تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا مارت ئېيىدا بىر كېلىشىم ئىمزالىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران سىياسىتى
يېقىندا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى ھېسابلانغان، ئامېرىكا، فرانىسيە، ئەنگىلىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرىنىڭ ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئىران يادرو مەسىلسىنىڭ دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كىڭىشىگە ئېلىپ بېرىلىشىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ھەتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كىڭىشىگە ئېلىپ بېرىشى توغرىسىدىكى يېغىنىدىمۇ ئىرانغا قارشى ئاۋاز بەرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىران مەسىلسىدە ئىككى قىرلىق بىر سىياسەت ئېلىپ بارماقتا. يەنى ھەم ئىران مەسىلسىدە خەلقئارا جامائەت بىلەن بىرلىكتە مېڭىش، ھەم ئىران بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، بۇ مۇناسىۋەتتىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلىنىش.
ئېنېرگىيىگە تەشنا بولۇۋاتقان خىتاي
ئىران مۇتەخەسسىسى ئافراسىيابنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىران يادرو مەسىلسىنىڭ دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئىران ۋە پارس قولتۇغىدىن خىتايغا كېلىۋاتقان ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نېفىت ۋە تەبئىي گازنىڭ تۇسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىقى ئىكەن. چۈنكى ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان خىتاينىڭ پەقەت 30 كۈنلا يېتىدىغان تەييار نېفىتى بار ئىكەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايوندىن كېلىدىغان نېفىت ئىكىسپورتىنىڭ توختاپ قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىكەن.
ئەمما،خىتاي بىر توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ۋە ياكى كرىزىسنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان سىياسىي تەسىرگە ئىگە ئەمەس ئىكەن. شۇڭا ئوتتۇرا شەرقتىن ئىمپورت قىلىۋاتقان نېفىتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈنسىرى تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا خىتايغا بەزى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر تەكلىپ قىلىش ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە خىتايغا قاراتقان بەزى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئىران يادرو مەسىلسى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلغاندا، تەرەپسىز مەيدانىدا تۇرۇشقا رازى قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئىران بىلەن ياداۋاران نېفىتلىكىنى ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
- خىتاي، رۇسىيىنىڭ ئىرانغا قاراتقان يادرو پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇللا خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن قورال سودىسى قىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە ئىمبارگو قويدى