ئىران رايون خاراكتېرلىق كۈچلۈك دۆلەتمۇ؟

0:00 / 0:00
iran-exmedinijat.jpg

يېقىندا ئىسرائىلىيىلىك مۇلاھىزىچى بالى روبىن ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي جەھەتتىكى قۇدرىتى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالە خىتاي تىلىدىكى ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئىنتېرنەت تورىدا تونۇشتۇرۇلغان. مەزكۇر ماقالىدە ئىراننىڭ ھازىر تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقتىدىن قۇدرەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ رايوندىكى تەسىرى كۈچلۈك مەملىكەتكە ئايلىنىش بىلەن رايون ۋە خەلقئارالىق سىياسىي مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىران ئەسلىدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ كرىزىسلارغا خاتىمە بېرىپ، كىچىك ئاسىيا رايونىدىكى زور كۈچكە ئىگە دۆلەتكە ئايلىنىش بىلەنلا قالماستىن بەلكى، خەلقئارا يادرو قوراللىرى كلۇبىغا ئەزا مەملىكەتكە ئايلىنىشقا تىرىشماقتا.

ئۇنداقتا ئىراننىڭ قۇدرەتلىنىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىل نېمە؟

ئىسرائىلىيە ئاپتورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىراننىڭ رايون خاراكتېرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى مەملىكەتكە ئايلىنىشىدا ئىككى ئاساسلىق سەۋەب بار بولۇپ، بىرىنچىدىن بۇ ئىران پرېزىدېنتىنىڭ كۈچى ۋە ئۇنىڭ يېڭى سىياسىتى شۇنىڭدەك 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى خەلقئارا ۋەزىيەت ھەم رايون ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر. ئىراننىڭ قاتتىق پوزىتسىيىدىكى رادىكاللار ئېقىمىغا مەنسۇپ ئەخمەدى نىجات ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىدىن ئىلگىرىكى رېزىدېنت خاتەمى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىراننى سىياسىي جەھەتتىن تاشقىرىغا ئېچىشقا، دىنىي زاتلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىنى ئازلىتىشقا شۇنىڭدەك غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەرەب مەملىكەتلىرى بىلەن يېقىنلىشىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ھەمدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەمما، بۇ بەرىبىر نەتىجە بەرمەي، ئىران يېرىم يولدا قالدى ، ياشلار، ئاياللارنىڭ نارازىلىقلىرى كېلىپ چىقتى، قىسقىسى ئىسلاھات ئىراننىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى. بىراق ، 2005-يىلى ئەخمەدى نىجاد ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىراننىڭ تاشقى ۋە ئىچكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، يادرو پىلانىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلەتتى. ئىسرائىلىيە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، ماخمۇد ئەخمەدى نىجاتنىڭ ئىسرائىلىيە ھەققىدىكى سۆزلىرى ۋە غەرب بىلەن كەسكىن مۇنازىرە قىلىشىدىن كېيىن ئىران خەلقى ئۇنى قايتىدىن تونۇدى شۇنىڭدەك ئىرانلىقلارنىڭ يادرو قورالى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن زىتلىشىشىنى قوزغىدى.

ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئىسرائىلىيە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، خاتەمىنىڭ ئامېرىكىغا تۇتقان سىياسىتىنى ئەخمەدى نىجاد پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن بولۇپ، خاتەمى ياخشى سۆزلەرنى ئىشلەتكەن بولسا، ئەخمەدى نىجات ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماستىن يادرو قورالى پىلانىنى كۆتىرىپ چىقىپ، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراقتا ئۇرۇش قىلىشى ئىراننىڭ رايوندىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىشىك ئېچىۋېلىشىغا مۇمكىنچىلىك تۇغدۇردى. چۈنكى، بۇ ئارقىلىق ئىران غەرب تەرەپتە تالىبانلار ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ تەھدىدى، شەرق تەرەپتە سادام ھاكىمىيىتىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن قۇتۇلدى. شۇنىڭدەك يەنە ئىراق ئۇرۇشى مەزكۇر رايوندىكى شىيەلەرنى ئازاد قىلىپ، ئىراننىڭ دوستى ھېسابلىنىدىغان شىيەلەرگە ھاكىمىيەتنى ئىگىلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىراننىڭ تەسىر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى. ئەخمەدى نىجات يەنە سۈرىيە بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ، ئەگەر كىمكى سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلسا، ئىراننىڭ سۈرىيە تەرەپتە تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

ئىسرائىلىيە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ رايوندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئەرەب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە پارچىلىنىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىنى ئۇلاردىكى چىرىكلىك ھەم ئىچكى-تاشقى سىياسەتلەردىكى مەغلۇبىيەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئىران بۇنىڭدىن پايدىلاندى. ھازىر مەزكۇر رايوندىكى ئاساسلىق كۈچلەر ئىران تەرەپتە بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ھەم باشقا ئەرەبلەرنىڭ دوستلىرىغا پايدىسىزدۇر. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئەھۋاللار ئىراننىڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىشىغا پايدىلىق بولغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ يادرو قورالىغا ئىگە بولسا، رايوندىكى ئاكا دۆلەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.

ئىران ئوتتۇرا شەرق ۋە كاسپى دېڭىزى، پارس قولتۇقى رايونىدىكى تاشقى ھەربىي سىياسىي ھەم ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە مەملىكەتكە ئايلىنىش قەدىمىنى بېسىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كاسپى دېڭىزى ئەتراپىدىكى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركمەنىستان، ئازەربەيجان، قازاقىستان ، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىشى ئەلۋەتتە رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتى بىلەن توقۇنۇشىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق جۈملىدىن ھىندى ئوكيان رايونىدىكى ئافغانىستان، ئىراق، سۈرىيە ھەم باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرى بىلەن توقۇنۇش ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا ئىران جايلىشىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن كۆپ قىرلىق دىپلوماتىيە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىندىن بۇيان يادرو قورالى پىلانىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ كەلدى. ئىران ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا شەرقتىكى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئەڭ ناچار مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقان، ئۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، ئۇ خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدە ئۇلارنى تەنقىد قىلىشنى خالىمايدۇ.(ئۈمىدۋار)