ئىراننىڭ ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچراش ياكى ئۇچرىماسلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
2007.02.22

ب د ت نىڭ 2006 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاچقان 5612 - قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان 1737 - نۇمۇرلۇق قارارىدا، ئىراننىڭ 60 كۈن ئىچىدە ئۇران تاۋلاش پىلانىنى توڭلىتىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن، مۇشۇ قارار بۇيىچە، ئىرانغا بېرىلگەن مۆھلەت 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى توشىتى. ئەمما بۇ ۋاقىت چەكلىمىسىدىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئىراننىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى، ئىران بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ كاتىبى لالىجانى ئەپەندى ئاۋستىرىيىنىڭ ۋىينا شەھرىدە خەلقئارالىق ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەل بارادىغا 'ئىران غەرب بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خاھلايدۇ، ئەمما ئۇران تاۋلاش پىلانىنى توختاتمايدۇ' دەپ جاكارلىغان. ب د ت نىڭ قارارىنىڭ تەلىپى بۇيىچە، ئەل بارادى ئەپەندى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ب د ت غا ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. مۇلاھىزىچىلەر ھازىر بۇ دوكلاتنى ئىران ئۈچۈن پايدىسىز دەپ قارىماقتا. ئەمدى ئىران ب د ت نىڭ قارارىنى ئىجرا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن قانداق جازالىنىشى مۇمكىن؟ ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچرىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇنىڭ ئالامەتلىرى نېمە؟
48 دۆلەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مېخاينىكىلىق چاچما بومبىنى چەكلەش تەكلىپى
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 48 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى نورۋىگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۇرۇشتا قانداق قوراللارنى چەكلەش مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان. ئاۋستىرىيە ۋەكىلى يىغىندا، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشتا مېخاينىكىلىق چاچما بومبا قوللىنىشنى مەنئىي قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مېخاينىكىلىق چاچما بومبىنىڭ ھۆجەيرى ئوقلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ زەربە بېرىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، بۇنداق بومبىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلىماي يەر يۈزىگە چۈشۈپ توختاپ قالغانلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىلارغا، بولۇپمۇ بالىلارغا كەلتۈرىدىغان خەۋپى ناھايىتى چوڭ. ئەمما بۇ يىغىندا خىتاي، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئىسرائىلىيە، كانادا ۋە ھىنىدستانلار بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان.
ئىران قوشۇنلىرى 16 ئۆلكىدە بىرلا ۋاقىتتا تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش مەشىقى قىلىۋاتىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تېھراندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ ھەربىي قوشۇنلىرى 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى 3 كۈنلۈك ئۇرۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. بۇ ھەربىي مانىۋېر ئىراننىڭ 16 ئۆلكىسىدە بىرلا ۋاقىتتا باشلانغان. بۇ مانىۋېردا ئىراننىڭ يەر يۈزىدە ئۇرۇش قىلىدىغان قىسىملىرى تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى جەڭ قىلىشنى مەشىق قىلغان. مەشىقتە قىسقا، ئوتتۇرا، ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئادەتتىكى ئىگىزلىكتىكى نىشانلارغا قارىتا مۆرىگە ئېلىپ ئاتىدىغان راكىتا قاتارلىق قوراللارنى سىناق قىلغان. ئىراندا بىر ئاي ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەربىي مانىۋېرنىڭ دەل ب د ت نىڭ 1737 - نۇمۇرلۇق قارارىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چەكلىمىسى توشقان، ئەمما ئەھمەدى نىجات ئۇنىڭغا يەنىلا پىسەن قىلماستىن ئىراننىڭ يادرو قورال پىلانىنى توختاتمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋاقىتقا توغرى كەلگەنلىكى، مۇلاھىزىچىلەردە بۇ بىر چوڭ ھەربىي ھەرىكەتنى كەلتۈرۈپ چىىقىرىش مۇمكىنلىكىنىڭ بەلگىسى دېگەن كۆز قاراشنى پەيدا قىلماقتا.
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك پاچاقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 'ئەيزىنخاۋىر' بەلگىلىك ئاۋىئاماتكا پاراخوت توپى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىراننىڭ جەنۇب تەرىپىگە يېقىن جايدىكى ئوممان دېڭىزىدا، نېفىت توشۇش يولىنىڭ مۇھىم توچكىلىرىدا يەنە بىر ئاۋىئاماتكا پاراخود توپى بىلەن ماسلىشىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇشقا باشلىغان. ئەگەر ئىران بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرسە، بۇ ھەربىي قىسملار ئۆزىنىڭ ئەرەب ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىكەن. كۆپىنچە مۇلاھزىچىلەر، ھازىر ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك پاچاقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارىماقتا.
بان كى مۇن تېھراننىڭ بەلگىلەنگەن چەكلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 22 - فېۋرال كۈنى پراگدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئىراندا ئاز دېگەندە 100 نەپەر ئوقۇغۇچى سەپ تۈزۈپ تېھراننىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلغان. ئىران پرېزىدېنتى مەھمۇد ئەھمەدى نىجاتمۇ ئىران ئۇران تاۋلاش پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، دېگەن . ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندولىزا رايس دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ھەممە ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش پىلانىنى توڭلىتىش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىدۇ، ئەمما ھازىر ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قوزغاش پىلانى يوق، دېگەن.
ئەنگىليە باش مىنىستىرى تونىي بىلايېر قايسى بىر دۆلەتنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىم يوق، دېگەن. ب د ت نىڭ باش سېكرىتارى بان كى مۇن تېھراننىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى بەلگىلىگەن ئاخىرقى ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمدى بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىران بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو ھەرىكىتىنى توختىتىش تەلىپىنى يەنە رەت قىلدى
- ئىران سۆھبەت ئارقىلىق يادرو پىلانىنى ساقلاپ قالماقچى
- شىمالىي كورىيە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىغا ياردەملەشمەكتە
- ئىران ئەمەلدارى ئىراننى ئەيىبلىگەن ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن پۇشمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- 2006 - يىلى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئاساسلىق توقۇنۇش ھادىسلىرى ئۈستىدە ئەسلىمە
- ئىران پرېزىدېنتى ب د ت نىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا ئاسىيادا يادرو رېئاكتورى بازىرى ئاچتى
- پۈتۈن يەر شارى يادرو قوراللىرى تارقىلىپ كېتىشنىڭ خەتەرلىك باسقۇچقا كىردى
- ئىران مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىن 5-دېكابىر كۈنى ئېچىلىدۇ
- ئىران رايون خاراكتېرلىق كۈچلۈك دۆلەتمۇ؟