
ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجات، چارشەنبە كۈنى ئىراننىڭ پايتەختى تىھراندا پەلەستىن مەسلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن يوقىتىش كېرەك دېگەن.
ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاتنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى مەزكۇر باياناتىدىن كېيىن، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئۇنىڭ باياناتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇنداق سۆزلەرنىڭ بىر دۆلەت رەئىسىنىڭ ئاغزىدىن چىقىشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بەزى دۆلەتلەر ئىراننىڭ شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا چاقىرىپ، ئىران پرېزىدېنتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇلاھىزىچىلارنىڭ قاراشلىرى
سىياسىي مۇلاھىزىچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ئەخمەدىنىجاتنىڭ غەربگە قارشى بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بۇنداق ئوچۇق- ئاشكارا بىر توقۇنۇش يولىنى تاللىغانلىقىئى سىياسەتچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران پرېزىدېنتى، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئىسرائىلىيگە قارشى بۇنداق قاتتىق سۆزلەر ئىشلىتىشگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ باياناتىنىڭ ئامېرىكىغا ئىرانغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ تىزلىتىش ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.
دېمەك پرېزىدېنت ئەخمەدىنىجات پۈتۈن بۇ ئېھتىماللىقلارنى كۆزگە ئېلىپ تۇرۇپ سۆز قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ ھەتتا ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ھۆمەينىينىڭ ئاگاھلاندۇرشلىرىغىمۇ قۇلاق سالماي غەرب بىلەن توقۇنۇش يولىنى تاللىغان.
ئىران رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئىختىلاپ
پارىژدا تۇرۇشلۇق ئىرانلىق مۇخبىر ۋە يازغۇچى سەفا خەيرىنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدا بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ئەخمەدىنىجاتنىڭ رادىكال ھەرىكەتلىرى ئىران رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ بەزى ئىختىلاپلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا، ئىراننىڭ سابىق پرېزىدېنتى رەفسەنجانىغا قارشى، ئەخمەدىنىجاتنى قوللىغان ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ھۆمەينىيمۇ ئۇنىڭ رادىكال ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بەزى سالاھىيەتلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈستىدىن نازارەت قىلىدىغان كېڭەشكە تاپشۇرۇپ بېرىپ، بۇ كېڭەشنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئەخمەدىنىجاتقا قارىغاندا كۆپ سىياسىي تەجرىبىگە ئىگە بولغان، رەفسەنجانىغا بەرگەن.
غەرب ئەللىرىنىڭ ئىنكاسى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران پرېزىدېنتىنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى باياناتىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سكوت ماكمىلان ۋاشىنگتوندا بەرگەن باياناتىدا، ئەخمەدىنىجاتنىڭ سۆزلىرى بىزنىڭ ئىراندىكى ھاكىمىيەت توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى بۇ شۇنداقلا بىزنىڭ ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسەتتى، دېدى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىمۇ پرېزىدېنت ئەخمەدىنىجاتنىڭ سۆزلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇنداق سۆزلەرنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ھەتتا يادرو پروگراممىسى مەسىلىسىدە ئىراننىڭ ئىتتىپاقدىشى ھېسابلانغان رۇسىيە مۇ ئەخمەدىنىجاتنىڭن ئىسرائىلىيىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن يوقىتىش توغرىسىدىكى باياناتى تەنقىد قىلىپ، ئىران پرېزىدېنتىنىڭ سۆزلىرى، ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ قولىغا يېڭى بىر قورال بەردى، دېدى.
ئىراننى ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىد دەپ ھېسابلايدىغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، ئىران پرېزىدېنتىنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى باياناتى تۈپەيلىدىن، ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىرىلىۋىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن ئىسرائىلىينىڭ بۇ تەكلىپى ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.
قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاتنىڭ ئىسرائىلىيىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن يوقىتىش توغرىسىدىكى باياناتى، بىر تەرەپتىن ئىراننىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ جىددىلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ، يادرو پروگراممىسىنى توختىتىشى توغرىسىدا ئىران ئۈستىدىكى بېسىمنى تېخىمۇ كۆچەيتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ باياناتى شۇنداقلا ئىراننىڭ ياد پروگراممىسى مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىغا تېپىلماس بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. (قانات)