0:00 / 0:00
ئىران يادرو كرىزىسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە جىددىيلىشىشى نەتىجىسىدە، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەردىن بولغان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدە نېفىت باھاسى تۇنجى قېتىم تارىختىكى يېڭى رېكورتنى ياراتتى، ھازىر لوندوندا ھەر باك نېفىتنىڭ باھاسى 70.20 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. نيۇيوركتا بولسا بىر باك خام نېفىتنىڭ باھاسى 70.75 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇرۇنقى باھادىن 1 دوللار ئارتقان، يەنى خام نېفىت ئۆتكەن ئايدىكىدىن 16 % ئاشقان بولۇپ، مۈتەخەسسىسىلەرنىڭ قارىشىچە ، بۇ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن،تۈركىيە ھاجې تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور دوكتورى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
