تېھران - كرېمىلنىڭ ئاق سارايغا قارشى ئويۇن قارتى

0:00 / 0:00
Putin-AhmediNijat-150.jpg
2007 - يىلى 16 - ئاۋغۇست، پۇتىن بىلەن ئاھمادىنەجاد بىشكەكتىكى شاڭخەي گۇرۇھى يىغىنىدا. AFP Photo

ۋلادىمىر پۇتىن 16- ئۆكتەبىر كۈنى ئىران پايتەختى تېھرانغا يېتىپ كېلىپ، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدى نىجات بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئېلىپ باردى ھەمدە ئىران، رۇسىيە، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجان رەھبەرلىرى قاتناشقان كاسپى دېڭىزى بويىدىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى.

ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئىران زىيارىتى غەرب دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارقاتقان بولۇپ، مەزكۇر زىيارەتنىڭ رۇسىيىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ۋە ئېنېرگىيە مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.

رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا تەسىرىگە قارشى يەنە بىر گۇرۇھى

رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۇپراقلىرىدا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمدە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قاتار رايون خاراكتېرلىق تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتكەن بولسا، مانا ئەمدى ئېنېرگىيە ئامبىرى بولغان كاسپى دېڭىزى ئارقىلىق بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كاسپى دېڭىزى ۋە كاۋكازىيە رايونىنى موسكۋانىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە تۇتۇپ تۇرىدىغان يېڭى گۇرۇھنى كۈچەيتىشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىن جەريانىدا بەش دۆلەتنىڭ كاسپى دېڭىزى ئارقىلىق ئايرىلىدىغان چېگرىلىرى مەسىلىسى ھەمدە ئۇلار ئارىسىدىكى سىياسىي -ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە رۇسىيە، ئىران، قازاقىستان ، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجاندىن ئىبارەت مەزكۇر بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۇچرىشىپ، يىغىن ئېچىش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە داۋاملىق ئۇچرىشىش قاتارلىقلار قارار قىلىندى.

گەرچە بۇ قېتىمقى يىغىندا كاسپى بويىدىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردى مۇھەممەدوف ۋە ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسى ۋە ئۆزارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە كېلىشەلىگەن بولسىمۇ، بىراق، كاسپى بويىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى تەقسىم قىلىش يەنى دېڭىز چېگرىلىرى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىدى.

ب ب س ، ئامېرىكا ئاۋازى ھەم رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە تايانغاندا، بۇ بەش دۆلەت رەھبەرلىرى تېھران يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئورتاق خىتابنامىغا ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھەر قانداق بىر كاسپى دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتنىڭ ئۆز تۇپرىقىنى باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشتا پايدىلىنىشقا بەرمەسلىكى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ۋلادىمىر پۇتىن كاسپى دېڭىزى رايونىدا قورال ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رۇسىيە ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىدە ئىراننى قوللايدۇ

ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ بۇرۇندىنلا رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا ۋە ياردەم بېرىشىگە ئېرىشكەنلىكى مەلۇم. ئىران يادرو مەسىلىسى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قارشى تۇرىشىغا ئۇچراپ، بۇ مەسىلىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ھەل قىلىش مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ، ئىران -ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەندە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىزچىل ھالدا ئىراننىڭ مەيدانىنى قوللاپ كەلدى ھەمدە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قاتتىق جازا قوللىنىشىغا قارشى چىقتى.

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى مەيدانغا چىققاندىن كېيىن، رۇسىيە بۇنىڭغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى سوغۇقلىشىپ قالدى. بۇ يىل يازدا گېرمانىيىدىكى سەككىز دۆلەت يىغىنى جەريانىدىكى ئۇچرىشىشتا پرېزىدېنت پۇتىن پرېزىدېنت بۇشقا مەزكۇر سىستېمىنى ئەزەربەيجانغا ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. بىراق، پۇتىن تېھراندا سوز قىلىپ، ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھەر قانداق بىر كاسپى دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتنى باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يەردە ئېيتىلغان باشقا دۆلەت دەل ئەزەربەيجان ئىدى. ئارقىدىنلا ۋلادىمىر پۇتىن " رۇسىيە ئىراننىڭ تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان يادرو پىلانىنى قوللىغان بىردىن -بىر دۆلەتتۇر" دېدى ھەمدە مەزكۇر بەش دۆلەتنىڭ يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك كېڭىشىگە رىئايە قىلىدىغانلىققا ۋەدە بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجات ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ، " بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى يەنە بىر قەدەم باستى، بۇ كاسپى بويى دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىدۇر" دېدى, شۇنىڭدەك يەنە بۇ يىغىننىڭ كاسپى دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەرنى ئاغدۇرۇش ۋە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇشقا بېرىلگەن بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئىران زىيارىتى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ، پۇتىن ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن تۇنجى قېتىم 1943 - يىلى ستالىن تېھرانغا كېلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزۋېلت، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى چېرچىل قاتارلىقلار بىلەن مەشھۇر تېھران يىغىنىنى ئېچىپ، گىتلېر گېرمانىيىسىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈش ھەم ئىككىنچى ئۇرۇش فرونتى ئېچىشنى مۇزاكىرە قىلغاندىن، 60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يەرگە كەلگەن ئىككىنچى رۇس رەھبىرى بولۇپ قالدى.

پۇتىن تېھراننى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۇ يەرگە بارسا مەخپىي ئۆلتۈرۈشكە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان بولۇپ، ئىران تەرەپ مۇنداق مۇمكىنچىلىكنى ئىنكار قىلغان ھەمدە پۇتىننمۇ بۇنىڭدىن قورقماي، تېھراننى زىيارەت قىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)