ئىراننىڭ پرېزىدېنت سايلىمى رەسمىي باشلاندى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، نۆۋەتتە ئىلگىرى ئىراننىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئالى ئەكپەر ھاشىمى رافسانجانى سايلامنىڭ ئاكتىپ نامزاتلىرىدىن بىرى ھىسابلىنىدىكەن، بىراق ئىسلاھاتچىلار ۋە رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارمۇ سايلامغا تەسىر يەتكۈزۈش كۈچىگە ئىگە ئىكەن.
دەسلەپكى مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، ھەر بىر نامزات 50 ٪ لىك بېلەتكە ئېرىشەلەيدىكەن، شۇڭا ئىككىنچى قېتىم قايتا بېلەت تاشلاش ھەتتا ئۈچىنچى قېتىم بېلەت تاشلاشقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى،بۇ سايلام بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان سايلاملاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، سايلامنىڭ غەربچە سايلام تۈسىنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇخبىرلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئەگەر بېلەت تاشلاش نىسبىتى تۆۋەن بولسا، بۇنىڭدىن خەلقنىڭ ھۆكۈمەتتىن رازى ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن.
يەنە بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرىدىن بىرى بولغان ئايەتۇللاھ ئالى ھامانەي، ئىراندا كۈچلۈك ھوقۇققا ئىگە بولۇش بىرگە، ئۇ سايلامدىن بۇرۇن ئۆزىگە بېلەت تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. سايلام ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىراندا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەكتەپ ۋە مەسچىتلەر بېلەت تاشلاش پونكىتىلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ، تەخمىنەن 47 مىليون كىشى سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى 30 ياشتىن تۆۋەن ھېسابلىنىدىكەن.
رافسانجانىنىڭ قوللىغۇچىلىرى كۆپ بولۇشى مۇمكىن
بۇ قېتىمقى سايلامغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئادەم سانى 7 بولۇپ، ئالى ئەكپەر ھاشىمى رافسانجانىنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ئىكەن.
71 ياشلىق ئالى ئەكپەر ھاشىمى رافسانجانىنىڭ ئىران ئىسلام دىنىي رەھبىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئالاھىدە يېقىن بولسىمۇ، بىراق ئۇ سايلام پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتقاندىن سىرت ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ۋەدە بەرگەن.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىراندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلە بىلەن تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ياخشىلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلە ، ئىران خەلقى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەر ئىكەن.
ئىسلاھاتچىلاردىن سابىق پرېزىدېنت مۇھەممەد خاتىمىنىڭ سايلامغا ئۆزىنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ھوقۇقى ئىران قانۇنىي تەرىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
بۇش ئىراننىڭ سايلىمىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە
بۇ ئارىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئىراننىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئىسلاھاتچى گۇرۇپ نامزاتلىرىنى سايلامغا قاتناشتۇرماسلىق قىلمىشىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ئارقىلىق ئىراندا سايلامنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى كۆرۋىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. جورج بۇش، ئاق سارايدا بايانات ئېلان قىلىپ: " ئىران خەلقى ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا چۇقۇم ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىدۇ" دېدى.
كىشىلەر، جورج بۇشنىڭ تەشەببۈسىدىن، ئىراننىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىدىمۇ، چوقۇم چوڭ بىر ئۆزگىرىشنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، مىليونلىغان ئىران خەلقى، سايلام ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ پرېزىدېنتىنى سايلاپ چىقىدىكەن، كىشىلەر ئاساسلىق نامزاتلاردىن بىرى بولغان سابىق پرېزىدېنت ئالى ئەكپەر ھاشىمى رافسانجانىغا بېلەت تاشلاشنى ئويلاشقان، ئەمما، ئۇنىڭ تۇنجى سايلامدىلا ئۇتۇپ چىقىشى ناتايىن ئىكەن.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ تېھراندىكى مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر كىشىلەر سايلام بېلەت نىسبىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن، چۈنكى بېلەت نىسبىتى تۆۋەن بولسائىراننىڭ ئىسلام ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن زىيانلىق ھېسابلىنىدىكەن . (ئەقىدە)