ئىراننىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى يادرو پروگراممىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

IRAN-POLITICS-65.jpg
ئىراندىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا يېڭىپ چىققان ماھمۇد ئەخمەدىنىجات 29-ئىيۇن كۈنى تېھراندا. AFP

ماھمۇد ئەخمەدىنىجاتنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا رىقابەتچىسى ئەكبەر ھاشىمى رافسانجانىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، غەرب ئەللىرى ۋە ئانالىزچىلار سايلامدىن بۇرۇن رافسانجانىنىڭ ئۇتۇشىنى پەرەز قىلىشقان بولۇپ، كونسېرۋاتىپ دىندار ئەخمەدىنىجاتنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىنى چوڭ بىلمىگەن ئىدى.

كۆپ قىسىم ئىرانلىقلار ئەخمەدىنىجاتقا ئۈمىد بىلەن قارايدىكەن

رويتېرس ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە نېمە ئۈچۈن ئەخمەدىنىجاتنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىققانلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئىران خەلقىنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن ئىسلاھاتچىلاردىن زېرىككەنلىكىنى ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ قېتىملىق سايلامدا ئاددىي بىر ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئەخمەدىنىجاتقا ئاۋاز بەرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سايلام رىقابىتى جەريانىدا ئەخمەدىنىجاتنىڭ سايلام رىقابەت گۇرۇپپىسى تېلېۋىزورلاردا ئۇنىڭ ئاددىي-ساددا تۇرمۇشى ۋە ئۆيىنى تەكرار كۆرسىتىپ، خەلقلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ نامرات ۋە سەمىمىئىي ئوبرازىنى تىكلەشكە تىرىشقان.

گەرچە غەرب مەتبۇئاتلىرى ئەخمەدىنىجاتنىڭ دىنىي كونسېرۋاتىپ بولۇشى سەۋەبىدىن، بۇ قېتىملىق سايلامغا ۋە ئەخمەدىنىجاتنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىگە گۇمان بىلەن قارىسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم ئىرانلىقلار ئۇنى ئىلگىرىكى رەھبەرلەرگە ئوخشاتماستىن، ئۇنىڭغا باشقىچە ئۈمىد بىلەن قارايدىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىران پۇقرالىرىدىن رېزا ئىسىملىك بىر ئايال "ئەخمەدىنىجاتنىڭ يېڭى ئىدىيىلىرى باردەك كۆرىنىدۇ. 20 نەچچە يىللىق ئىماملارنىڭ ھاكىمىيىتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بىزگە يېڭىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل" دەپ بىلدۈرگەن.

رامسفېلد: "ئۇ دېموكراتىيىنىڭ دوستى ئەمەس"

ئەمما ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئەخمەدىنىجاتنىڭ سايلىنىشىنى قارشى ئالمىدى. شۇنداقلا ئەخمەدىنىجات يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ سۆزلىرىنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلدنىڭ ئەيىبلىشىدىن كېيىن قىلغان بولۇپ، دونالد رامسفېلد جۈمە كۈنى ئامېرىكا "فوكس" تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىراندىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا نۇرغۇن ساختىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەخمەدىنىجاتنى "دېموكراتىيىنىڭ دوستى ئەمەس" دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ئۆز پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ياش ئىرانلىقلارنىڭ دىنىي كونسېرۋاتىپ ئەخمەدىنىجاتنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن زېرىكىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىلۋان شالوممۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىسرائىلىيىنىڭ، ئىراندىكى بۇ قېتىملىق سايلامنى دېموكراتىك ئېلىپ بېرىلمىغان دەپ قارايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ تالاش-تارتىش - يادرو پروگراممىسى

تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئېغىر تالاش-تارتىشتىكى مەسىلە-ئىراننىڭ يادرو تەرەققىيات مەسىلىسى بولۇپ، ۋاشىنگتون ئىراننىڭ بۇ ئارقىلىق يادرولۇق قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە، تېھران يادرو پروگراممىسىنىڭ پەقەت ئېنېرگىيە، مېدىتسىنا، دېھقانچىلىق ۋە پەن-تېخنىكىغا ئوخشاش تىنچ ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداقلا ئىران پرېزىدېنتلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەخمەدىنىجات ئىراننىڭ تىنچ يولدىكى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئىراندىكى يادرو پروگراممىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىراننىڭ 20 نەچچە يىللىق ئاتوم پروگراممىسى 2002 - يىلى پاش بولغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ يادرو تەرەققىياتىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ، ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىستەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا يەنە ئىراننىڭ بۇ خىلدىكى قوراللارنى تېررورچىلارغا يەتكۈزىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ چاقىرىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىرانغا يادرو پروگراممىسىنى توختۇتۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى ھەققىدە ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن كېڭەشمەكتە. ئەخمەدىنىجات ئىراننىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سۆھبىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىران بىلەن بولغان يادرو مۇناسىۋىتى

بۇ ئارىدا رۇسىيە ھۆكۈمىتى سايلام ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىماستىن، رۇسىيىنىڭ ئىرانغا 6 دانە يادرو ئوچىقى ياساپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالېكساندېر رۇميانتسېۋ " ئەگەر ئىران يادرو ئوچىغىنى ياساش تەكلىۋىنى سۇنسا، بىز چوقۇم بۇنىڭغا ھەمكارلىشىمىز" دېدى. تېخى بۇنىڭ ئالدىدا، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، مەھمۇد ئەخمەدىنىجاتنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ، رۇسىيىنىڭ ئىران بىلەن بولغان يادرو مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىران رۇسىيىنىڭ يادرو سانائىتىدىكى مۇھىم خېرىدارلىرىنىڭ بىر بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو مۇناسىۋىتى 1990 - يىللاردىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، خىتايمۇ كۆپ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرانغا سەزگۈر يادرو تېخنىكىلىرىنى ساتقانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھمۇد ئەخمەدىنىجات تېھراننىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىدە، موسكۋا بىلەن بېيجىڭنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ئانالىزچىلار، ئەخمەدىنىجاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. (پەرىدە)